Lyrics: muzikiwaz13
Music: muzikiwaz13
Arranger: muzikiwaz13
بىر كۆردۈم جامالىڭنى,
يەنە بىر كۆرەي دەيمەن,
بىر كۆرگەن ئۆلەر بولسا,
مەن كۆرۈپ ئۆلەي دەيمەن,
يۈرۇڭقاشقا ئېتىڭ بولسا,
مىنىپ ئوينىماسمىدىم,
يار بېقىپ كۈلۈپ قويسا,
قېنىپ ئۇخلىماسمىدىم,
تولا سەكرەپ بىغىڭغا,
تاملىرىڭمۇ پەس بولدى,
چىقمايسەن تالا تۈزگە,
كۆرمەك سىنى تەس بولدى,
سىنىڭ ھويلاڭدا ئۇژمەڭنىڭ,
شىخدا سايرىغان قۇش مەن,
لىۋىڭنىڭ جامىدا ئەملەپ,
بولاي باغرىڭدا بىھۇشمەن。