Sehinix《思念》

سېغىنىش
شېئىرى:مۇھەمەتجان راشىدىن مۇزىكىسى:ئابدۇغېنى ئابلىكىم ئاككوردلاشتۇرغۇچى:نۇرشات دىلشات
سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ سېنى كۆرمەي كۆڭۈل ئۇنامدۇ ئايدا يىلدا بىر كىلىپ كەتسەڭ بۇ دىدارغا يۈرەك قانامدۇ
سەن كەلمىدىڭ قارلىغاچ كەلدى خۇددى سەندەك سايرىغاچ كەلدى كۆزلۈرۈمگە شۇئان ياش كەلدى كۆڭلۈڭ ياكى مەندىن چانامدۇ
بىلمىدىڭمۇ سېغىنغىنىمنى ئۇقمۇدۇڭمۇ يىلغىلىغنىمنى سەن ئالامسەن مېنىڭ جىنىمنى تەندە بۇ جان دايىم تۇرامدۇ