Ai Hayat-Ai Dunya

Lyrics: HANTIR/MLD5 Group Music: HANTIR/MLD5 Group MLD5-Yusan ئەي دۇنيا ساڭا دىسەم مەن ياشاۋاتقان تۇلۇپ تاشقان ئارزۇ ئارمان بىلەن ئۈلۈمدىن باشقىسى يالغان دىگەنتى مەن ئۇ گەپلەرنى يالغان دىگەن بىركۈنى ئۈلدىغنىم راس مەن لىكىن مەن بۇدۇنياغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇنچىلىك قىنىما دۇنيا مىنى تۆت كۈنلۈك مىھمانغۇ مەن
ئاۋال يالغۇز قويدۇڭ ئايرىدىڭ ياردىن جاناندىن يار يارىلانى ئاڭلاپ يامغۇر بۇلۇپ ياغامدىم دۇنيا ئەمدى سۈيۈپ سۈيلۈپ تۇرۇپ ئايرىلدىم ئۈتۈپ كەتتى بۇ جاندىن ئېيت ئۆركەشلىك دەريا بۇلۇپ ئاقامدىم دۇنيا ئەمدى
يۈرسەم گۈلشەن گۈلىستان باغلار ئارا سۆيسەم مىسالى شىرىن جانان نىڭ نازۇك لىۋىگە ھەسەت قىلدىڭمۇ ياكى قىزغاندىڭمۇ ھەجەپ جۇدالىقتا قويدۇڭغۇ دۇنيا ئەمدى يۈزلەر نۇرسىز كۆزلەر خىرە چۈشكۈنلۈك سالدى گىرە يوقاتتىم ئۈزەمنى دۇنيا كۆپ قىلدىڭغۇ ئاۋارە لەيلى ۋىسالى مەجنۇنغا ئارمان يىتەلمەي بولدى سەرسان شۇ كۈننى مىنىڭ بېشىمغا سالدىڭمۇ دۇنيا ئەمدى جان دىسەم دوستۇم دىسەم باشقا كۈن چۈشكەندە قاشتى قىلغان ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ مىنى تىرىك دارغا ئاستى بارىمدا جان جىگەر سۆزلىرى شىرىن شىكەر دوسلۇرۇم ئەمدى بۇ مىسكىن كۆڭلۈمگە قاتتىق ئازار بەردى كەلگۈلۈك نىڭ ھەممىسى ماڭا كەلدى ئۈتۈپ كىتەر بۇ كۈنلەرمۇ چىداي مەيلى مەيلى ياشايمەن ئەتىكى قۇياش ئۈچۈن بەلكى دۇنيا ماڭا تاۋلىندىغان بىر پۇرسەت بەردى
HANTIR توغرا ھايات دىگەن ئەگرى بۈگرى تاناسىپلىق قان لازىم بولسا ساڭا گەر ئۆزگىرەيدۇ C1تىپلىق ماڭغان يۇلۇڭ تۈز بولسىمۇ نەچچە يەردە باردۇر چىتلىق رىئال دىگەن بۇ ھاياتلار بەزى رىئال بەزى سىنلىق
ھايات دىگەن مۇشۇنداق ھەرخىل رەڭدە بويالغان ئىلمىنىتسىز ئادەملەرمۇ ئىلمىنىتلىق سانالغان ئىگىز پەس دەپ تۇرۇپ ھاياتلىقتا ياشايمىز كۆرگىنىڭ 8×4بولسىمۇ 30 دەپ سانايمىز
بەلكىم ئاڭلىغانغا ئىشەن دەيدۇ ئىشەنمىدىڭ 9يەردە قاپسالساڭمۇ 1يەدە ئۇنتۇپ چۈشەنمىدىڭ ئىگىزلىكنىڭ مۇنارى بەلكىم ھايات دىگەن ئاتالغۇ ئىسمى ئىللىق لىكىن ئەسلى قىياپەت نەشتەرلىك قانئالغۇ
توغرىلىقنى كۆگەندە سەن خاتالىقنى ئۇنتۇدۇڭ قۇسقۇڭ توق بولسىمۇ گەرچە يەپ ئىچىپ سەن تويمۇدۇڭ زىمىستاننىڭ باھارى بولۇپ ياشاپ باقتىڭ غەمكىن ئىزىلگەننى كۆگەندە سەن تۇرالىدىڭمۇ تەمكىن
ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى بىز دەپ تولىغاندا بەلكىم يىلتىزلارى سېسىغاندا گەپكە ماھىر تىللا تۇتۇلدى مىھىرلىك ئۆيلەر ۋەيران بۇلۇش گىردابىدا بەلكىم قانچە بالا ئىزىلىش ئالدىدا بۇ ھاياتقا تۇتۇلدى
ھاياتلىقنىڭ سىموۋلى ئۇزۇنغىنە ئارغامچە بولسا قانچە ئادەم يېرىمىدا توختاپ قالغاندۇ ھاياتلىقنىڭ سىموۋلى ئۇزۇنغىنە كىچە بولسا قانچە ئادەم يېرىمىدا ئۇخلاپ قالغاندۇ
مامكاپ كەبى توزىغان ھاياتلىقنىڭ بەرگىنى يانچۇقۇمغا سېپ قويدۇم ئاندا ساندا كەلگىنى دىڭىزدا كىمەڭ بەلكىم ئېچىلماس يەلكىنى ھاياتتا باش ئاغرىسا تۇتقۇلۇق پەللىنى
ئىنتىلىش يوق ھاياتقا سىنچىلاپ نىمىش قىلاتتىڭ غادايغان شۇ ئادەملەرگە پەرىقلىق دەپ نام بىرەمتىڭ قىزىل رەڭنىڭ رەڭگى قېنىق تىگىدە ساپلىق يوقكەن ھېي ھەممە بوشاڭ ھالەتلەردە بىرمۇ جانلىق يوقكەن ھېي