Qerindash

Lyrics: Biraw/KSC Music: Biraw/KSC Arranger: KSC/RiTSAR « قېرىنداش » Hook : RiTSAR بېشىڭغا كۈن چۈشكەن چاغدا ئەسقاتىدۇ قېرىنداش ، ئاتا-ئاناڭدىن ئايرىلساڭ يۆلەنچۈك ساڭا قېرىنداش . بولۇپ ساڭا سىرداش ، يۈرۈكۈڭگە دىلداش ، « ھايات » ناملىق بۇ يولدا ئۇ ھەرۋاقىت سەپەرداش . تومۇرۇڭلار قانداش ، فامىلەڭلار ئوخشاش ، قان قېرىنداش ئوتتۇرىسىدا كۆپ بولمىسۇن قاخشاش . كەم قالمىسۇن ماختاش ، ئىشىنىش ۋە قوللاش ، ھەم ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر-بىرسىنى قوغداش . V1 : Biraw بىر قورساقتىن تۇغۇلدۇق بىز كۆز ئاچتۇق بۇ ئالەمگە ، ھېچقانداق يامانلىقىم يوق يېنىمدىكى ئادەمگە . ئەركەك بولساڭ ماڭمىغىن سەن خۇمسىلارنىڭ كەينىدە ، قېرىنداشقا ياخشىلىق قىل باسقان ھەربىر قەدەمدە . دادام دەيتى كىچىكىمدە ھۆرمەتلىگىن چوڭلارنى ، يىقىلساڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭغىن ئۇزۇن يوللارنى . ئانام دەيتى بىرئۆمۈر سەن قېرىنداشنى ئۇنۇتما ، رەت قىلمىغىن پەيتى كەلسە ساڭا مۇھتاج قوللارنى . قەدىرلە سەن قېرىنداشنى بىر نان تاپساڭ تەڭ يىگىن ، ئۇچراشقاندا يانداپ ئۆتمەي « ئەھۋال قانداق ؟» دىگىن . ھۆرمەتلىگىن سەن ئۇلارنى ئېقىتمىغىن تامچە ياش ، مەھەللەڭدىن ئۆتكەن چاغدا ئۆيگە باشلاپ سۇنغىن ئاش . ئالدىدا ۋاي تۇققىنىم دەپ كەينىگە ئۆتۈپ داتلاشما ، ئاكا-ئۇكا ئاچا-سىڭىل ئىزدىشىپ تۇر ياتلاشما ، كەڭ قورساق ھەم ئەپۇچان بول ئايلاپ يىللاپ باتناشما ، ۋاقتى كەلسە يۈز ئۆرۈيدۇ ئىشەنگەن دوست ئاداشلار ! Hook 2 : RiTSAR بېشىڭغا كۈن چۈشكەن چاغدا ئەسقاتىدۇ قېرىنداش ، ئاتا-ئاناڭدىن ئايرىلساڭ يۆلەنچۈك ساڭا قېرىنداش . بولۇپ ساڭا سىرداش ، يۈرۈكۈڭگە دىلداش ، « ھايات » ناملىق بۇ يولدا ئۇ ھەرۋاقىت سەپەرداش . V2 : Biraw ئەتراپىڭدا كۆپ ئىكەنغۇ دوست ئاتالمىش ھىيلىگەر تۈلكە ، كۆڭلىدە نەيرەڭۋازلىق چىرايىدا ساختا كۈلكە . پەخەس بولغىن شۇلاردىن ئىتتىرمىسۇن كۆلگە ، بۇرنۇڭدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ ئاپىرىپ تاشلايدۇ چۆلگە . ئىناق ئۆتكەن قېرىنداشلار ئوخشايدۇ خۇشپۇراق گۈلگە ، ھازىردىن باشلاپ كىچىكلەرگە بولايلى بىز ئۈلگە . قول تۇتۇشۇپ تەڭ ماڭايلى تاكى ئۆمۈر تۈگىگىچە ، قېرىنداشلىق رىشتىمىز ئۈزۈلمىسۇن مەڭگۈگە ! Hook 3 : RiTSAR بېشىڭغا كۈن چۈشكەن چاغدا ئەسقاتىدۇ قېرىنداش ، ئاتا-ئاناڭدىن ئايرىلساڭ يۆلەنچۈك ساڭا قېرىنداش . بولۇپ ساڭا سىرداش ، يۈرۈكۈڭگە دىلداش ، « ھايات » ناملىق بۇ يولدا ئۇ ھەرۋاقىت سەپەرداش . تومۇرۇڭلار قانداش ، فامىلەڭلار ئوخشاش ، قان قېرىنداش ئوتتۇرىسىدا كۆپ بولمىسۇن قاخشاش . كەم قالمىسۇن ماختاش ، ئىشىنىش ۋە قوللاش ، ھەم ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر-بىرسىنى قوغداش…