homesick

Lyrics: Zunoon Music: Zunoon Mix: 8lack 6oi Translate: Zunoon Verse 1: نەۋرۇز ئايلىرى، باش باھارنىڭ يامغۇرى ياغدى. يامغۇر تامچىسى لەرزان قەدەملىرى بىلەن يەڭگىل چۈشمەكتە، خۇددى مۇزىكىغا تەڭ جۆر بولۇۋاتقاندەك. شەبنەم قونغان يوپۇرماقلار يېنىك لىڭشىتاتتى باشلىرىنى خۇددى سۆزلۈرۈمنى چۈشۈنۈۋاتقاندەك. شۇ تاپتا ئۇچبۇ كۆڭۈل جايىدا ئەمەس، روھىم جىسمىمدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى يىراققا. باھار شامىلى ئېلىپ كەلگىنى يۇرتۇمدىكى پۇراقمۇ؟ بەزىدە ئويلايمەن ، دېڭىزغا يۈزلۈنۈپ تۇرۇپ كېتەي بىراقلا. ئەمما ئارقامدا يايلاق مەدەت بېرەر ، ماياك كەبى يۇرتۇمدا نۇرلۇق چىراغ بار. Verse 2 : مەن سېغىنىشنى خەت-چەك قىلىپ ساڭا كانۋېرت يازدىم. خېتىڭ كەلگۈچە تەققازالىق ئىلكىدە يولۇڭغا قاراپ قالدىم. مۇساپىرلىق دەردىدە ، كىشى يۇرتىدا ئۇلتان بولۇپ نېمە نەپ ئالدىم ؟ چىن كۆڭلۈمدىن ئېيتسام، مەن غۇلجامنى سېغىنىپ قالدىم. ئايدىڭ كېچىلەردە، سالقىن جايدا ئۇخلاۋاتقان تاي ئىدىم. غۇلجامنىڭ قوينىدا راھەت-پاراغەتتە ياشىغان باي ئىدىم. Phuk the melody! Phuk the phuking fake body! باغلىدىم بەلنى ، گۈل دەستىنى تۇتقۇنۇمچە قايتىپ بارىمەن ھامىنى كۆپكۈك ئاسمان ،ئاق بۇلۇت، سەن بىلەن بوي تالاشقان. ئانا تېغىم تەلكە تاغ ، يۇرتۇمغا بەك ياراشقان.