Lyrics: Bilal
Music: Bilal
Arranger: Bilal
مەن سېنىڭدىن ئايرىلدىم، سۆيگۈم قالدى ئۆزۈڭدە
پىلدىرلايتى شۇ كېچە، ياش ئەگىگەن كۆزۈڭدە
تەغدىر دېدۇق ئايرىلدۇق بىز ئىككى ياققا قايرىلدۇق
قىيىن ئىكەنغۇ ئايرىلىش، تارتۇق قالدى يۈرىكىمدە؟
چىن ھەقىقى بولاتتى، سۆيگۈ دىگەن ئەسلىدە
ئېچىلاتتى گۈللەرمۇ، باھارلارنىڭ پەسلىدە
سەن تاللىدىڭ بەكلام بالدۇر، خىيانەتكە يول ئالدىڭ
ئويلاپ مېنى بەك نادان، يۈردۈڭ ياتنىڭ قەستىدە
ياخشى كۆرۈشۇڭ مۇشۇمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە
ۋەدە بەرگەن شۇ سۆيگۈمۇ تۇرالماسكەن لەۋزىدە
ئەقىدەمنى خار قىپ كەتتىڭ كۆڭۈل دەپلام ئايرىلىپ
سېتىۋەتتى سۆيگۈمنى، ئەرزان شاپاق نەرقىدە
مۇھەببەتنى ئاخىرىنى سەن خازان قىلدىڭ قولۇڭدا
پۇشايماندا قالىسەن ھەر بىر ماڭغان يولۇڭدا
ئايرىلغانچە بىز ئەمدى كۆرۈشمەيمىز مەڭگۈگە
بەخت تىلەي مەن ساڭا، داد كىرمەيمەن ئۇيۇڭغا
ئىشەنمەيمەن مەن ئەمدى، چىن مۇھەببەت سۆيگۈگە
ئازاپلايدۇ ھامىنى، كىرسەڭ كۆڭۈلەنىڭ كەينىگە
ساداقەت يوق ھازىرقى ھەي كۆيدۈم پىشتىم دىگەندە
بۇ ئايرىلىش يەتكۈچە، بەردى ساۋاق ھەممىگە