Yarim Degeysen

Lyrics: 哈密十二木卡姆选段 Music: 哈密十二木卡姆选段 Arranger: Muratjan Muhter يارىم دېگەيسەن مۇقامدىن پارچە ئاكورتلاشتۇرغۇچى:مۇراتجان مۇختەر تەرجىمان:دىلمۇرات تەلئەت ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا قاشلىرىڭ قارا قارا كىرپىكلىرىڭ زىرۇ زىۋەر، قاشلىرىڭ قارا قارا كىرپىكلىرىڭ زىرۇ زىۋەر، يار ئوتۇڭدا مەن كۆيەرمەن سەن يۈرۈيسەن بىخەۋەر . ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن . مۇزىكا قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەك ، قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەك ، يېڭى يار تۇتقان كىشى سەۋدايى ئاغرىق بولغۇدەك . ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن . مۇزىكا كۆيىمەنا كۆيىمەن قاشى قاراغا كۆيىمەن ، كۆيىمەنا كۆيىمەن قاشى قاراغا كۆيىمەن ، قاشىنىڭ قاراسىدىن جاننى ئالارغا كۆيىمەن . ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن . مۇزىكا قارا قاشىم بار مېنىڭ كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس ، قارا قاشىم بار مېنىڭ كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس ، بىر ئاداشىم بار مېنىڭ ئىككى ئاداش لازىم ئەمەس . ئا....بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى....جانىم دېگەيسەن . ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن .