HOOK:1
ۋاپادارلىق سۆيگۈمىزدە يوق بۇلۇپ قالمىسۇن،
تىلەكلىرىم ھەممە بىر جۈپ بەخىتلەرگە ئېرىشسۇن.
بەخىتلەر ئەزەلدىنلام كۆڭۈلگە ئايان- ئايان،
ھېكايىمىز ئەۋلادلارغا كەلگۈسىدە بايان بايان
VERSE:1
باغرىم مىنىڭ جان نىگارىم بۇلغىن ماڭا ئەل،
ساڭا بىرەي ۋەدە بەخىت قۇشى بىزگە تەل.
كەل جىنىم سىنى باغرىمغا باساي،
سىنى تۇگمەس ناخشام قىلىپ كۈيۈمگە قاتاي.
سەن مېنىڭ مەلىكەم سەن مېنىڭ يۈرەك تارەم،
سەن مېنىڭ چولپىنىم سەن مېنىڭ باھارىم .
مەن سېنىڭ پالۋىنىڭ سەن مېنىڭ ئارزۇ ئارمىنىم،
سەنلا كۈلسەڭ مەن بىلەن بىرگە بىلىنمەيدۇ ھارغىنىم.
سەن بىر قونچاق گۈزەلىم ئېسىپ قويىمەن كۆز مونچاق،
مەھەللەڭدىن ئۆتكىنىمدە توۋلاپ قويىمەن قوشاق .
سەن ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھەممە ئىشقا تەييار مەن،
گاھىدا ئانچە مۇنچە ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۈپ قويىمەن.
توغرا يېشى مەندىن كىچىك قىلىقلىرى بەك تاتلىق،
ئېرىشكەندە مەن ساڭا قەلبىمدە ئۆمۈر شادلىق.
ھاياتنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن-ئۇزۇن،
رىشتىمىز ئۈزۈلمىسۇن ئۈزۈلمىسۇن .
HOOK:2
ۋاپادارلىق سۆيگۈمىزدە يوق بۇلۇپ قالمىسۇن،
تىلەكلىرىم ھەممە بىر جۈپ بەخىتلەرگە ئېرىشسۇن.
بەخىتلەر ئەزەلدىنلام كۆڭۈلگە ئايان- ئايان،
ھېكايىمىز ئەۋلادلارغا كەلگۈسىدە بايان بايان
VERSE:2
بېرەتتى قاراشلىرىڭىز ماڭا ئىللىق مېھىر،
كۈلۈشلىرىڭىز مەن ئۈچۈن تاللاپ
قويغان سېھىر.
يۈرۈمەن كەينىڭىزدىن كۈندە سېنى قوغلۇشۇپ،
پەرۋايىڭىز يوق مەن بىلەن قايتىمەن سولۇشۇپ.
سۆزنىڭ ھەممىسى قەلبتە يۈرەكتە،
كۆيمەيمەن ھەرگىز سىزدىن باشقا بۆلەككە.
سىزگە بۇ كۆڭۈلنى قانداق چۈشەندۈرەي،
بىلمىدىم ئۆزۈمگە سىزنى قانداق ئېشەندۈرەي.
سىزگە بولغان سۆيگۈم ئۆزگەرمەيدۇ ئەبەد،
دوسلۇرۇم ۋاز كەچمە دەپ بەردى ماڭا مەدەت.
سىزنى چۇقۇم قوغلاشقىنىم قوغلاشقان،
ھازىرقى بۇ ھېكايىمىز بەختىمىزگە ئۇلاشقان.
چىدىمايمەن يېنىڭىزدا باشقا بىرسى بولسا.
ھەممىسى يوقالسىكەن يېنىڭىزدا مەنلا بولسام،
شەخسىيەتچى مەن توغرا مۇھەببىتىم مۇشۇنداق.
ھېچكىم مەندەك كۆيمەس سىزگە توي قىلايلى بالدۇرراق،
HOOK:3
ۋاپادارلىق سۆيگۈمىزدە يوق بۇلۇپ قالمىسۇن،
تىلەكلىرىم ھەممە بىر جۈپ بەخىتلەرگە ئېرىشسۇن.
بەخىتلەر ئەزەلدىنلام كۆڭۈلگە ئايان- ئايان،
ھېكايىمىز ئەۋلادلارغا كەلگۈسىدە بايان بايان
hook