Ligir Ligir

Lyrics: Turapjan Hapiz Music: Turapjan Hapiz Arranger: AbduwaliTohti ‎ئۇيان ئۆتۈپ بۇيان ئۆتۈپ، ‎خىياللىرىمنى ئالدىڭىز. ‎قىيا بىقىپ ماڭا يېقىپ، ‎يۈرەككە ئوتىنى سالدىڭىز ‎قانداق قىلاي قانداق قىلاي، ‎چىدالمىدىم كۆيدۈردىڭىز. ‎داۋاسىنى سىزدىن سوراي، ‎ئامالىنى بىلدۈرسىڭىز. ‎لىغىر لىغىر تىتىرەيدۇ، ‎بويلىرڭىزغا مەپتۇن كۆزۈم. ‎قاراپ قاراپ تويمايدۇ، ‎رۇخسارىڭىزغا شەيدا ئۆزۈم. Music ‎كۈلۈپ كۈلۈپ ئىچىلىپسىز، ‎مىنى مەسىتخۇش ئەيلىدىڭىز. ‎ئاجايىپ بىر سىھىر بىلەن، ‎سىھىرلەپلا قەستلىدىڭىز. ‎قانداق قىلاي قانداق قىلاي، ‎چىدالمىدىم كۆيدۈردىڭىز. ‎داۋاسىنى سىزدىن سوراي، ‎ئامالىنى بىلدۈرسىڭىز. ‎لىغىر لىغىر ئاھ تىتىرەيدۇ، ‎بويلىرڭىزغا مەپتۇن كۆزۈم. ‎قاراپ قاراپ تويمايدۇ، ‎رۇخسارىڭىزغا شەيدا ئۆزۈم.