Lyrics: Telak-奇拉比 Music: Telak-奇拉比 Arranger: Telak-奇拉比 ئاتا ئانام سۆزلەۋاتىدۇ چوڭ بولغاندا نېمە ئىشمۇ قىلارسەن 父母在问,长大以后你到底想做什么工作 دوستلىرىمنىڭ كارى يوق ، قىز دوستۇممۇ يېنىمدىن كەتكۈدەك 朋友们帮不上忙,女朋友似乎也要离我而去 رېئاللىقنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى مۇۋەپپەقىيەت ئىشىكىنى ئەتكۈدەك 现实的苦涩教训,仿佛要把成功之门关上 تۇرمۇش بۇنچە قىينىما مېنى تەقدىرىمنى ئۆزۈڭ بىلەرسەن 生活啊,别这样折磨我,我的命运你自会知晓 23 ياش ياقا يۇرتلاردا بەلكىم كۈرەش قىلىمىز 23岁,在异乡也许我们还要继续拼搏 ياكى بولمىسا خىزمەت ئۈچۈن ھەر خىل ئىمتىھانلارنى بېرىمىز 或者为了工作,参加各种考试 بېسىم ، ئەندىشە كەلگۈسىگە ، ئىشەنچ كاللىدا پىلان يوق 压力、对未来的忧虑,信心满满但脑中却毫无计划 ئۆزۈڭ دەپ باقە تۇرمۇشنى ياخشىلاي دېسەڭ بېرەي دېسەڭ ئېلان يوق 你试试看,想改善生活、想付出,却连个机会都没有 جىق ئويلىۋالماي پېشانەمگە بىر ئىشلار پۈتۈلگەندۇ 别想太多,也许我额头上(命运)早已写好了一切 مۇشۇنداق ئويلايسەن بەلكىم ئامەت بىر ماڭىلا تۆكۈلگەندۇ 你会这样想,也许好运只为我一人降临 تۇرمۇش خۇددى ئاپتوبۇسقا ئوخشايدۇ ماڭىدۇ توختىمايدۇ 生活就像一辆公交车,不停地行驶 ئالدىرىما ئۇ سېنى ساقلىمايدۇ ئۆز يولىدا كېتىۋېرىدۇ 别着急,它不会等你,只顾沿着自己的路前行 ئوخشاشلا بۇ كۆپىنچە ياشلارنىڭ ئويلايدىغىنى ماڭىدىغان يولى 同样,这也是大多数年轻人思考的、要走的路 تىرىشچانلىق غەلبە قازىنىشنىڭ غولى 勤奋是获得胜利的根基 مەن بىلمەيمەن نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن پايدام چۈشكەندە ياخشى بولالايمەن 我不知道自己能做什么,只希望能对社会有用、能变得更好 ياخشى پەزىلەت ئاق كۆڭۈللىكىڭ بولسا قول قويالايمەن 若有良好的品德和纯真的心灵,我便能(为人生)签字画押(立足) توغرا ناخشامدا داۋلى سۆزلەپ ئالىيجاناپ بولىۋالغۇم يوق 没错,我并不想在歌里夸夸其谈,装得多么高尚 رېئاللىقتىن ھېس قىلغانلىرىمنى ئاڭلىغۇچىلارغا سۇنغۇم بار خالاس 我只是想把从现实中感受到的,呈现给听众罢了 مەنمۇ چوڭ بولىمەن بالامنىڭ ئارزۇسىنى دادامغا ئوخشاش ئېلىۋالغۇم يوق 我也会长大成人,但我不想像我父亲那样,剥夺自己孩子的梦想 ئۈمىد قىلىدىغىنىم چوڭلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى بولمىسىكەن ئەيىبلەش ياكى ساۋاش 我希望大人的教育方式,不要只是指责 ياق ، ياق ، ياق ، بۇ خىل ئۇسۇل توغرا ياكى خاتا بولسۇن دېمىسەم بولمايدۇ 不,不,不,我不得不说,这种方式无论对错,都是不行的 نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆز پۇشتىدە ئۇنىڭغا كېرەككە توغرا چۈشۈنۈش قوللاش 无论如何,对于自己的后代,需要的是正确的理解和支持 بالىنى ئۇرغان بىلەنلا ئىش ھەل بولمايدۇ 光靠指责孩子是解决不了问题的 ئوماق سىڭلىم دەيدىغىنىم ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى بىلىڭ 我亲爱的妹妹啊,你要学会爱自己 مەنمۇ ئوغۇل بالا بىلىمەن ھەممە ئوغۇل بالا ياخشى ياكى يامان بولمايدۇ 我也是男人,我知道并不是所有男人都坏 خاتا يولدا ماڭماڭ ئاپىڭىز دېگەننى قىلىڭ 别走错路,听妈妈的话 بەزى ئىشلار بىر قېتىممۇ قەتىي سادىر بولۇشقا بولمايدۇ 有些事情,一次都绝对不能让它发生 قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىكى ئىشچانلىق پەزىلەت ۋە ھايا 女孩们应该具备的,是勤劳、美德 يوقالمىسۇن ئەلمىساقتىن قالغان ئېسىل تەربىيە خىسلەتلەر قارا 别让祖辈留下的优良传统和品格消失殆尽 ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ قېلىپ قالمىسۇن جاراھەت ۋە يارا 别因追逐欲望而陷入,留下创伤和疤痕 سېنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئوغۇل بالا ياتاققا ئەمەس ، سېنى ئەمرىگە ئالا 真正爱你的男人,不是带你去旅馆,而是会娶你回家 ئۇكام سەنمۇ جىگەرلىك بولۇپ ، بوۋاڭدەك ياشا 弟弟啊,你也要做个有骨气的人,像爷爷那样生活 كىبىردىن يىراق تۇر باشقىلار ئالدىدا ئىززەت ھۆرمىتىڭ ئاشار 远离傲慢,在他人面前你的尊严和尊重自会增加 مىجەزىڭ ياخشى بولسۇن ، كېيىنچە سەن بىر ئۆيگە ھاسا 脾气要好,将来你才是一个家的顶梁柱(拐杖/支柱) ئېسىڭدە چىڭ تۇت قىزلارنى ھۆرمەتلىگەن ئوغۇل بالا ياخشى قىزلارنى تاپار 牢牢记住:尊重女孩的男人,才能找到好女孩 ئوقۇش پۈتتۈرىمىز بىر كۈنلەردە جەمىيەتكە قەدەم باسىمىز 总有一天我们会毕业,踏入社会 ئىستىقبالىم نەدە دېگەن سوئال بىلەن يەنە بىر بالداق ئاشىمىز 带着“我的前途在哪”的疑问,我们又长大一岁 بەلكىم چالىمىز ، بەلكىم تانىمىز ياكى بولمىسا قاچىمىز 也许我们会努力,会结识(贵人),或者会逃避 ئاخىرى ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئۆز قىممىتىمىزنى تاپىمىز 最终在跌跌撞撞中,找到我们自己的价值 كەلگۈسى بەزىلەر دوختۇر بەزىلەر بولسا ئوقۇتقۇچى 未来,有的人会成为医生,有的人会成为教师 بەزىلەر ياخشى بەزىلەر سەبىي دىللانى يورۇتقۇچى 有的人会很好,有的人会成为照亮纯真心灵的人 ھەرخىل كەسىپ ھەرخىل خىزمەتكە ئاتلىنىمىز 我们将奔向各行各业 ئەلۋەتتە بەزىلەر ساخاۋەتچى ، ئۆز قىممەتنى تونۇتقۇچى 当然,也会有人成为慈善家,成为让人们认识自身价值的人 تۇرمۇش بىلەن تىرىكچىلىك بىزنى ھەرخىل كويغا سالىدۇ 生活与生计,将我们置于各种境地 بىر ئېغىز گەپ تىرىشمىغانلار ھامىنى ئارقىدا قالىدۇ 一句话,不努力的人终究会被落下 دۇنيادا ياشاش ئاسان ، ئەمما كۆڭۈلدىكىدەك ياشاش تەس 活在世上容易,但如心所愿地活着很难 مەڭگۈلۈك تايانچ بولمايدۇ ئاخىرى ھەممە ئادەم ئۆز يولىدا ماڭىدۇ 没有永远的依靠,最终每个人都要走自己的路 翻译者:Yusupjan