Lyrics: ABZ
Music: ABZ
Arranger: ABZ
ئانامنىڭ كۈلكىسى يۈرىكىمدە، ھەرگىز ئېسىمدىن چىقماس.
دادامنىڭ تىلىكى يۈرىكىمدە، ھەرگىز ئېسىمدىن چىقماس.
ئانامنىڭ كۆزدىن ئاققان ياشلارمۇ، ھەرگىز ئېسىمدىن چىقماس.
دادامنىڭ مەندىن ئۈمىدسىزلەنگىنىمۇ، ھەرگىز ئېسىمدىن چىقماس.
دادام دەيتتى ياخشى ئوقۇڭ مەندەك بولماڭ بالام دەپ.
ئاىلىمىز ئۈچۈن ھەر كۈن قاتراپ ئىشلەۋاتىدۇ بالام دەپ.
قان تەرىدىن تاپقان پۇللارنى تېجەپ خەجلەڭ بالام دەپ.
ئاىلىنىڭ تۈۋرىكى بولۇپ قوللاۋاتىدۇ بالام دەپ.
ئانام دەيتتى بالام، تاماقنى، چوقۇم ۋاقتىدا يەڭ.
يىقىلسىڭىز قايتا تۇرۇڭ بوشاشماڭ جاھاننىڭ باغرى كەڭ.
بالام بىز مەڭگۈ ئارقىڭىزدا قوللايدىغانغا بىز بار.
ھاياتنىڭ يولى مۇشۇنداق بولىدۇ بەزىدە كەڭرى بەزى تار.
ئۆيگە تەستە كەلدىڭىز بالام دەپ ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بەرگەن.
كۆزلىرىدىن چاقناۋاتىدۇ ماڭا بولغان ئىشەنچ ئارمان.
قاراڭغۇ چۈشمىسە كەلمەيدىغان داداممۇ ئىشتىن ئاخىرى كەلگەن.
چارچىدىڭىزمۇ دەپ سورىسام ياق دەيدۇ، لېكىن چوقۇم ھارغان.
مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان ئاتا ئانامنىڭ جاپاسى.
قىلىۋاتقان ئىشىم يامان بولۇپ قالدىمغۇ، ۋاپاسىز.
پۇشايمان قىلىمەن ھامان بۇ دېگەن تۇرمۇشنىڭ داۋاسى.
ئاتا ئانامنى ئىزچىل قاقشاتتىم كېلىدۇ ھامان بىر جازاسى.
بەخىتلىك راستلا بەك بەخىتلىك مەن.
ئاتا ئانام بولىدۇ مېنىڭ تەختىم.
لېكىن مەن ئەپسۇس كېرەكسىز بولۇپ قالدىم.
ئاتا ئانامغا يۈرىكىمدىن چىقىرىپ كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدىم.
ئانا كۆزىڭىزدىن ياش ئاققۇزغىنىمنى راستلا بەك كەچۈرۈڭ.
دادا، ئويلىغان يېرىڭىزدىن چىقالمىدىم مېنى كەچۈرۈڭ.
نۇرغۇن ئازابلارنى بەردىم، لېكىن ھېلىھەم.كەچۈرۋېتىسىلەر.
يۈرىكىڭلارنىڭ بىر يەرلىرىدە بار، لېكىن چاندۇرماي يۈرىسىلەر.
ئانا، سىز ئاسمىنىمدىكى نۇرلۇق قۇياشىم بولىسىز.
دادا، سىز گويا تاغدەك مۇستەھكەم يۆلەنچۈكۈم بولدىڭىز
ھامان مەن چوقۇم سىلەر ئۈچۈن تىرىشىپ ئۈمىدىڭلارنى ئاقلايمەن.
ھازىر قىلىۋاتقان گۆدەكلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئانام ياش ئاققۇزدى بالام دەپ.
دادام جاپا تارتتى بالام دەپ.
ئانام خۇددى قۇياش نۇر چېچىپ.
دادام بولسا، تاغدەك يۆلەنچۈك.
ئانام ياش ئاققۇزدى بالام دەپ.
دادام جاپا تارتتى بالام دەپ.
ئاتا ئانا دۇنيا ئەڭ ئۇلۇغ.
سىلەرنى سۆيىمەن ئاتا ئان