Lyrics: Asimgul-Reyim
Music: Asimgul-Reyim
دادەي
تېكىست مۇزىكىسى خەلقنىڭ
مۇزىكىسىنى ئاكورتلاشتۇرغۇچى پەرھات رېشات
تاغدا قىرو بولىدۇ ۋاي دادەي
دىلدا ئوتلار بولىدۇ ۋاي دادەي
مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا ۋاي دادەي
ئاۋال سىناق بولىدۇ ۋاي دادەي
بۇلبۇل سايرىدى كەتتى ۋاي دادەي
كاككۇك سايرىدى كەتتى ۋاي دادەي
تۆتكۇنلۇك شۇ ئالەمدە ۋاي دادەي
كىم مۇرادىغا يەتتى ۋاي دادەي
ئىشكىمنى تولا چېكىپ ۋاي دادەي
مېنى ئاۋارە قىلما ۋاي دادەي
كۆڭۇل بەرگەن يايرىم بار ۋاي دادەي
ئەمدى سەن تاما قىلما ۋاي دادەي
بۇلبۇل كېلىپ سايرايدۇ ۋاي دادەي
باغدىكى قىزىل گۇلگە ۋاي دادەي
ياتسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ ۋاي دادەي
سېنى كۆرمىگەن كۇندە ۋاي دادەي.