بىلسەن
سۆزى مەخمۇت شىرىپ
مۇزىكىسى ئەنۋەر ئوسمان
ئىشەنگەن شۇ يېقىنلىرىڭنى
ئامەت سەندىن قاچقاندا بىلسەن
يېقىنلارنىڭ ساداقىتىنى،
قەرزلەرگە پاتقاندا بىلسەن
ئۆز يارىڭنىڭ ئەقىدىسىنى،
كېسەل بولۇپ ياتقاندا بىلسەن
قېرىنداشنىڭ مېھرى قانچىلىك
مىراستىن سۆز ئاچقاندا بىلسەن
سەپەردىكى ھەمرالىرىڭنى
بىرەر داۋان ئاشقاندا بىلسەن
كىم بولىدۇ مەلھەم ياراڭغا
ئېغىر غەملەرباسقاندا بىلسە
ئاتا- ئاناڭ قەدرى قانچىلىك
سەنمۇ بالا باققاندا بىلسەن
تۇرمۇش گويا بىرتال تاش ياڭاق
مېغىزىنى چاققاندا بىلسەن
《你若知晓》
词:麦赫穆特·谢里普
曲:安瓦尔·奥斯曼
你若知晓——
当你信任的亲近之人,
在你得意时离你而去,
你才会明白何为忠诚;
当你深陷债务泥潭时,
你才会懂得什么是真情。
你若知晓——
当你病卧在床时,
你才会看清爱人的真心;
当沉重忧伤将你压垮时,
你才会知道谁能为你疗伤。
你若知晓——
当遗产纷争挑起时,
你才会明白手足之情的分量;
当翻越一道山岗时,
你才会识别旅途中的伴侣。
你若知晓——
当你亲手养育子女时,
你才会体会父母恩重如山。
生活宛如一颗坚硬的胡桃,
唯有敲开它的硬壳,
你才尝到果仁的滋味——
那时,你才真正知晓。