Lyrics: Kaysar Samat
Music: Kaysar Samat
Arranger: Kaysar Samat
قېرىنداش
ئاۋاز ئۈنۈم:قەيسەرجان سەمەت
ئاتا ئاناڭنىڭ باغرىدا سەن بىلەن ئۆسكەن قېرىنداش
ھاياتلىقتا قولۇڭ تۇتۇپ بولار ساڭا ئۇ سەپەرداش
بېشىڭغا كەلسە نى كۈنلەر دەردىڭگە دەرمان قېرىنداش
ھەر مەنزىلىڭدە ھەمراھتۇر بولۇپ ئۆتەر ساڭا يانداش
قېرىنداش قېرىنداش ئۇ سېنىڭدۇر كۆڭۈل شاتلىغىڭ
قېرىنداش قېرىنداش ئىزدىسەڭ تېپىلماس بايلىغىڭ

مۇزىكا
جان ئاناڭنىڭ ساڭا بەرگەن سوۋغىسىدۇر شۇ قېرىنداش
دىلىڭ بىلەن قەلبى تۇتاش سەن بىلەن بىر يىلتىزداش
ساڭا ئەگەر ئازار يەتسە يۈرىكى يىغلار قېرىنداش
سەن يېقىلساڭ يۆلەنچۈگۈڭ چېھرى ئىللىق ئۇ بىر قۇياش
قېرىنداش قېرىنداش ئۇ سېنىڭدۇر كۆڭۈل شاتلىغىڭ
قېرىنداش قېرىنداش ئىزدىسەڭ تېپىلماس بايلىغىڭ
قېرىنداش قېرىنداش ئۇ سېنىڭدۇر كۆڭۈل شاتلىغىڭ
قېرىنداش قېرىنداش ئىزدىسەڭ تېپىلماس بايلىغىڭ
مۇزىكا
جان دىسەڭ ئۇ جاننى بېرەر سېنىڭ ئۈچۈن شۇ قېرىنداش
غەملىرىڭگە غەمخانىدۇر ساڭا يېقىن بولۇپ سىرداش
بۇدۇنيالىقتا تېپىلماس ئەنە شۇنداق بىر قېرىنداش
بۇ ھايات قەدىرلىك بىزگە جەم بولۇپ ئۆتكىن ئۇيۇلتاش