Umud Uzma

Lyrics: Muhtar Bughra Music: Hoji Matkurban Arranger: Abdusami Arkin ئۈمۈد ئۈزمە
بارغىن ئەينەك ئالدىغا بارغىن يۈرەك ئالدىغا ئۇزاپ كەتكەن ئاشۇ قىز بەلكىم ئالار يادىغا قان قاچقاندا يۈزۈڭدىن يار ئۆچكەندە كۆزۈڭدىن ئۈمۈد بولۇپ ئۈنىدۇ يالغۇز گىياھ ئېزىڭدىن كەتمىگەندە ئۇ تاشلاپ كەپ قالىدۇ نۇر باشلاپ ئىككى قولى دولقۇندەك قۇچاقلايدۇ باخاشلاپ ئۈمۈد ئۈزمە يارىڭدىن ئايرىلمايسەن بارىڭدىن