Nazirkom /纳孜库木

نازىركوم تۇرپان خەلق ناخشىسى تەرجىمان:ئەلقۇتجان ياسىن زەيتۇنخاننىڭ قولىدا ئالتۇن بىلەن كۈمۈش بار. زەيتۇنخاننىڭ قولىدا ئالتۇن بىلەن كۈمۈش بار. ئۇنداق يارنى تاپقاندا، بۇنداق يارنىڭ نېمە ئىشى بار؛ بۇنداق يارنىڭ نېمە ئىشى بار. ئۇنداق يارنى تاپقاندا، بۇنداق يارنىڭ نېمە ئىشى بار؛ بۇنداق يارنىڭ نېمە ئىشى بار. زەيتۇنخاننىڭ چىرايلىق باغ ئىچدە ئۆيى بار. زەيتۇنخاننىڭ چىرايلىق باغ ئىچدە ئۆيى بار. ئاشۇ باغدا قەپىزى، ئاچىلدۇرغان گۈلى بار؛ ئاچىلدۇرشان گۈلى بار. ئاشۇ باغدا قەپىزى، ئاچىلدۇرغان گۈلى بار؛ ئاچىلدۇرشان گۈلى بار. يارىم زەيتۇنخان، يارىم زەيتۇنخان. كۆرۈشكەن يار بىلەن ئازقالدى بۇ جان. قۇرغۇيۇڭ بولاي يارىم، دوستۇم ئۇكا جانىم، يارىما ئۇكىجانىم. شاخىڭغا قۇناي يارىم، دوستۇم ئۇكىجانىم. ئۇ مەھەلەڭدىن بۇ مەھەلەڭگە ئوينىغىلى كەلىدىم. ئۇ مەھەلەڭدىن بۇ مەھەلەڭگە ئوينىغىلى كەلىدىم. ياخشى دەمسەن يامان دەمسەن، سىناي دەپ كەلدىم. ياخشى دەمسەن يامان دەمسەن، سىناي دەپ كەلدىم. ساي سايدا ياتامدۇ، ساي كىيىكنىڭ بالىسى. ساي سايدا ياتامدۇ، ساي كىيىكنىڭ بالىسى. ئانىسىغا ئوخشامدۇ ، كۆزىنىڭ قارىسى. ئانىسىغا ئوخشامدۇ ، كۆزىنىڭ قارىسى. ئاشۇ باغدا ئاشۇ باغدا ئۆيۈم بار، زەيتۇنەم يالا كۈيەملا. ئالاي دىسەم ئالاي دىسەم پۇلۇم يوق ، ئالماي دىسەم ئۆرگۈلەي مەيلىم بار. كۆيدى بۇ جان زەيتۇنخان، كۆيدۈرىشىڭ ئاندىن يامان. بىزنىڭ ھويلا ئاشۇ ھويلا تېرەكىك، ئىمارەتلە ئۆرگۈلەي كېرەكلىك. بولدى ماڭا بولدى ماڭا بەخشئەندە، ئوتىڭىزدا ئۆرگىلەي كۆيمەكلىك. كۆيدى بۇ جان زەيتۇنخان، كۆيدۈرىشىڭ ئاندىن يامان؛ كۆيدۈرىشلەرىڭ ئاندىن يامان. ۋاي-ۋاي نازىركوم..... باردى دەيدۇ ياندى دەيدۇ، باردى دەيدۇ ياندى دەيدۇ؛ ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم مېنىڭ يارىمنى. ئېگىز داۋان ئاشتى دەيدۇ، ئېگىز داۋان ئاشتى دەيدۇ، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم كۆيەك تالىمنى. باشقىلاردىن ئاشماغۇچە، باشقىلاردىن ئاشماغۇچە، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم،مەنزىل كۆرۈنمەس. قارا يورغا مىنمەگۈچە، قارا يورغا مىنمەگۈچە، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم،دەشتە كېزەلمەس. قارا يورغامنى يورغىلاتقان، قارا يورغامنى يورغىلاتقان، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم. ئىگەر توقۇم دەشتە قالدى، ئىگەر توقۇم دەشتە قالدى، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم،بېلىمدە قامچا. غۇنچە بويلۇق زەيتۇنخانغا، غۇنچە بويلۇق زەيتۇنخانغا، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم،چۈشۈپتۇ كۆڭلۈم. ئۇنىڭ بىلەن ئارمانىم يوق، ئۇنىڭ بىلەن ئارمانىم يوق، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم،ئۆتسە بۇ ئۆمرۈم؛ ئۆتسە بۇ ئۆمرۈم. (مۇزىكا) غۇنچە بويلۇق زەيتۇنخانغا، غۇنچە بويلۇق زەيتۇنخانغا، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم،چۈشۈپتۇ كۆڭلۈم. ئۇنىڭ بىلەن ئارمانىم يوق، ئۇنىڭ بىلەن ئارمانىم يوق، ۋاي-ۋاي نا؛ ئوي نازىركوم،ئۆتسە بۇ ئۆمرۈم؛ ئۆتسە بۇ ئۆمرۈم. ۋاي-ۋاي نازىركوم.