Duttarim《我的都塔尔琴》

Lyrics: Muhtar Bughra دۇتتارىم
دۇتتارىمنىڭ يەڭگىل قەدىمى يۈرۈكۈمىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتەر ئۇنىڭ باغرى شۇنچىلىك كەڭرى يەر شارىنىڭ چىتىگە يىتەر
بارماقلىرىم ئىككى قەلىبنى بىر-بىرىگە چاتىدۇ مەھكەم دۇتتار ھامان تۇرۇپ تۆردە ھەر بىر كۈي بىر ۋەدە-قەسەم
دۇتتارىمنىڭ تارى ئىشلىسۇن قاناتلانغان تىلەكلىرىمدىن مىڭ رازىمەن ئىزچى-پەرزەنتىم پەدە قويسا سۆڭەكلىرىمدىن
دۇتتار ،دۇتتار ئىسىل دۇتتارىم سەن ئەمەسمۇ باغرىم ھەم بارىم