ئاقىل بولساڭ ئەي ، كۆڭۈل ئۇنۇتما شۇنى . دۈشمىنىڭنى سۆيگەنلەر سۆيمەيدۇ ، سېنى . ھەر ئىنساننىڭ تۈمەنلەپ بولماس ، چىن دوستى . كىم بىلىدۇ دۇنيادا كىمنىڭ كىم دوستى ؟ سىر بەرمىگىن ، ئالدىراپ ، شۇڭا خەتەردۇر . ياخشى دوستلار ۋە لېكىن گۆھەر دۇر زەر دۇر . ياخشى دوستلار ياق ، ئۇتتۇر چاڭ توزان قونماس . ياخشى دوستى ھەر كىمنىڭ ،بىراق كۆپ بولماس . چېچەكلەيدۇ ، لەۋزىدە ، دوستلۇقنىڭ گۈلى . كىرگۈزىدۇ ، ھەممىگە ئاي ، يىللار شۇنى . دوستلۇق ئېرۇر قىلساڭ ، سېنى يۆلىگەن . ئەخلەت كىرسە كۆزۈڭگە ، شۇئان پۈۋلىگەن . دوست ئەمەستۇر پۇل تاپساڭ ، سەن تامام چاپقان . كۈن چۈشكەندە بېشىڭغا سېنىڭدىن قاچقان .