Lyrics: israfil
Music: israfil
Arranger: israfil
سوئال چۈشسە ھەممىدىن سەن كىمگە ئەڭ قايىل دەپ,
جاۋابىم شۇ ئاتام دەيمەن ئىككىلەنمەي ،
پەقەت شۇ جاۋابلار ئەڭ كاتتىدۇر ئەگەر دېسەم باشقاجاۋاب
قالىمەن چوقۇم ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەي
چۈنكى ھەممەيلەننى قايىل قىلىدۇ ئۇنىڭ قىلغان ھەر ئىشى
بويسۇنمايدۇ تەقدىرگە ، ھەتتا قالمىسىمۇ چىشى .
مەسۇلىيەتچان ۋاپادار پەقەت سادىق ئانامغا
ئوخشىمايدۇ تۈكى يوقلارغا ، ئۇ ھەقىقىي ئەر كىشى .
ياردەمگە مۇھتاج بولسا كىمگە تۇرماستىن قول قوشتۇرۇپ
توڭلاتقۇغا مېۋىلەرنى ، بىز ئۈچۈن لىق توشتۇرۇپ
بىلىپ تۇردۇم ، بۇ تۇرمۇشتا مەنزىل ھالقىش تەس ئىكەن ،
ئامەتلەردىن ئاپەتلەر كۆپ ، تەقدىر بەزىدە تەس ئىكەن .
سەندىن ئۆگىنىپ ساڭا ئوخشاش بولىمەن شەرەپلەرگە نائىل
بولسام دەيمەن ھەر قېتىم سەن بىلەن داستىخانغا داخىل
بىر سۆزۈڭدىن مىڭ ھېكمەت يىراق تۇرسۇن غەيۋەت ، تۆھمەت
كۈيلىرىمگە كۈچ بەرگەنسەن مەدەت سازلىرىمغا ناخىل .
ئەي ئاتا روھىڭدە جىسمىڭدە پارلايدۇ خىسلەت
ئەي ئاتا بايقىدم سەندىن ساقىتىدىكەن ھەر قانداق ئىللەت
ياشىسۇن ئاتىلار ياشىسۇن
بەردەم بولسۇن شامۇ سەھەر .، ھەرگىز . سولغۇن بولمىسۇن ،
ئۈمىدىنى ئاقلاپ ئەجدادلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن
باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭدىن بەرق ئۇرغان گۈل ئۈنسۇن گۈللەر ئۈنسۇن .
تېلېفوندا بولسىمۇ ئۇنۇتمىغان ئەھۋالىڭنى سوراشنى ،
ئەمما ھەرگىز ئويلىمىدىم نائەھلىنى دوراشنى
مەڭگۈ ئالدىڭدا چوڭ ئەمەس ، بىز پەقەتلا بىر كىچىك بالا
ئويلايدىغىنىم نەتىجەم بىلەن شەرەپلەرگە ئوراشتى .
ئاتا ، ئۇ ئاتا ئەركەكتەك ئۇ ئاتا ،
چۈنكى ھاياتتىكى ئەڭ بىباھا سوۋغىلارنى ساڭا قىلىدۇ ئاتا
ئەپۇ قىلىدۇ ، بالام دەپ سەۋر قىلىدۇ ، بالام دەپ
بەڭۋاشلىق قىلىپ كىچىكلىكتە بولسىمۇ ، سېنىڭ خاتا
ئەركەك ھەرگىز قىلغان ئىشىغا ئۆكۈنمەيدۇ
خار قىلمايدۇ ئۆزىنى يۈكۈنمەيدۇ
دەيتىڭ تۆكۈلمەيدۇ ھەرگىز يېشى ھەر ئىشتا سالماق
ياراشمايدۇ زەيپانىلىق ناھەق كىشىنىڭ ھەققىنى ئالماق .
پىدا قىلىپ جاننى ، ھەتتا قىلار ، ئۇ قاراملىق
ھۆرمىتىڭ چوڭ نەگىلا بارساڭ نەزىرىمدە ھەممىدىن ياراملىق
قىلمىغاچسەن ، ھەتتاكى چۈمۈلىگىمۇ ، يامانلىق
مەيلى سەن نەدە بول تىلەيدىغىنىم ئامانلىق
ئەي ئاتا روھىڭدە جىسمىڭدە پارلايدۇ خىسلەت
ئەي ئاتا بايقىدم سەندىن ساقىتىدىكەن ھەر قانداق ئىللەت
ياشىسۇن ئاتىلار ياشىسۇن
بەردەم بولسۇن شامۇ سەھەر .، ھەرگىز . سولغۇن بولمىسۇن ،
ئۈمىدىنى ئاقلاپ ئەجدادلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن
باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭدىن بەرق ئۇرغان گۈل ئۈنسۇن گۈللەر ئۈنسۇن .
پەرۋىشىڭنىڭ ئاستىدا يەتتىم مەنمۇ بالاغەتكە .
باش ئەگمەيمەن ئۇچرىساممۇ قانچە چوڭ تالاپەتكە
يىل ئىزناسى ئېلىپ كەلسىمۇ ئاق چاچ بىلەن قورۇقنى
ھەرگىزمۇ داغ تەگكۈزەلمەس سەندىكى سالاپەتكە .
تاپىلايتتىڭ ھەر ئىشتا ھۇشيار بولغىن زېرەك .
تۇرمۇش ئۈچۈن چىدامچان بولۇشۇڭ كېرەك .
كىچىك ئىشمۇ بەزىدە چوڭ ئىشلاردىن بىرەر دېرەك ،
سەن خۇددى ماڭا بولغاندەك مەنمۇ بولىمەن ساڭا تېرەك .
خاتىرجەم بول ، پەرزەنتلىرىڭ ئۈمىدىڭنى ئاقلايدۇ
تىرىشساقلا گۈزەل ، ئەتە بوسۇغىدا ساقلايدۇ .
چىڭ ساقلىدىم گەپلىرىڭنى ئېسىمدە مەھكەم
ئىرادەمدە مەسىلە يوق پولاتتىن مۇستەھكەم .
تەنلىرىڭگە كۈچ قۇۋۋەت سالامەتلىك تىلەيمەن
ئەي ئاتا ، سەن قەدىردانىم پاسىبانىم بىلگەيسەن
ئاددىي بولسىمۇ كاتتا بىلگىن ھەدىيە ئۇشبۇ مىسرالار .
تاڭ ئاتقاندىن كۈن پاتقۇچە خۇشال يۈرگەن كۈلگەيسەن .
ئەي ئاتا روھىڭدە جىسمىڭدە پارلايدۇ خىسلەت
ئەي ئاتا بايقىدم سەندىن ساقىتىدىكەن ھەر قانداق ئىللەت
ياشىسۇن ئاتىلار ياشىسۇن
بەردەم بولسۇن شامۇ سەھەر .، ھەرگىز . سولغۇن بولمىسۇن ،
ئۈمىدىنى ئاقلاپ ئەجدادلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن
باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭدىن بەرق ئۇرغان گۈل ئۈنسۇن گۈللەر ئۈنسۇن