دۇنيانى قىزغانما مەندىن ئەزىزىم
مەن سېنىڭ ئىشكىڭدىن ئۆتمەسمەن زىنھار
دۇنيانى قىزغانما مەندىن بۇرادەر
مەن سېنىڭ ئىشكىڭدىن ئۆتمەسمەن زىنھار
مېنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ ئېيتار ناخشام ھەم
يۈرەكتىن سېغىنغان جاڭگاللىرىم بار
مېنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ ئېيتار ناخشام ھەم
يۈرەكتىن سېغىنغان جاڭگاللىرىم بار
دۇنيانى قىزغانما مەندىن بۇرادەر
سەن ئىچكەن بۇلاقتىن سۇمۇ ئىچمەسمەن
دۇنيانى قىزغانما مەندىن بۇرادەر
سەن ئىچكەن بۇلاقتىن سۇمۇ ئىچمەسمەن
سەن يۈرگەن يوللاردا قالمىغاي ئىزىم
سەن باسقان ئىزلارنى ئەسلا باسماسمەن
دۇنيانى قىزغانما مەندىن بۇرادەر
كۆڭلۈڭدە كۆيمىسۇن شۈبھىي ۋە سوراق
مەن باشقا مەنزىلگە تىككەن كۆزۈمنى
ئۇ سېنىڭ كۈلبەڭدىن يىراق بەك يىراق
مەن باشقا مەنزىلگە تىككەن كۆزۈمنى
ئۇ سېنىڭ كۈلبەڭدىن يىراق بەك يىراق
دۇنيانى قىزغانما مەندىن ئەزىزىم
سەندىن ھەم مەندىن ھەم قالار دۇنيا بۇ
دۇنيانى قىزغانما مەندىن ئەزىزىم
سەندىن ھەم مەندىن ھەم قالار دۇنيا بۇ
قالار دۇنيا بۇ