Ber Kuni

Lyrics: 无 Music: Yakupjan-Baki بىركۈنى بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما يول تاپىدۇ بىركۈنى ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىركۈنى كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىركۈنى
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىركۈنى سەنمۇ ئاتا ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ئوغۇل قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى
بۇ دۇنيادا ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ئۆي باقىدۇ بىركۈنى يامان دېسەڭ بالاڭنى كىم بېرىدۇ ياخشىنى ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىركۈن