Lyrics: Nimxiyit Music: Shireli Eltekin Arranger: Shireli Eltekin نۇر چاقنىدى كۆزۇمدىن باغسام جامالىڭىزغا قەلبىمنى پارە ئەيلەپ قىلغان سالامىڭىزغا قىلىپ پىدا جىنىمنى ماڭلايدا خالىڭىزدا جان تەندەمۇڭ كەچۇرمەن ھەر بىر جاۋابىڭىزغا ئوتنى يىقىپ يۇرەككە ئەي بىۋاپا نىم دەيسىز ئىشقىڭىزدا كۆيدۇم مەن زەررىچە غەم يىمەيسىز ئوتقا سىلىپ جىنىمنى ھالىڭ نىچۇك دىمەيسىز ئارتۇق چىداش بىرەلمەي كەلدىم جانابىڭىزغا ئەيىپ كۆرمەڭ جانابىم مەنمۇ سىرىمنى ئىيتاي قاچانغىچە مۇھەببەت دەردىنى يەككە تارتاي بەڭۋاشلىقىمنى تاشلاپ ئەمدى ئۆزۇمگە قايتاي تەشنالىقىم سۈركەي دەرمان پىيالىڭىزغا كەلسە باھار قىزىلگۈل چاشقاي پۇراقلىرىنى بۇلبۇلمۇ زوقى بىلەن باشلار قوشاقلىرىنى كاككۇكنىڭ زەينىۋىدىن تارتىقان ھەر ساپ نۇرىنى ھالىمغا سىز يىتەمسىز كەلسەم خىيالىڭىزغا يىتىشتىن ھەممە قىلىپ ئىختىيار باغۋەن ئۇزاتسۇن قولىنى ئالما ئانارىڭىزغا، بۇلبۇلغا تەشەككۇر يىڭى باھارىڭىزغا،