Music: XirinAy
Arranger: XirinAy
لاچىن قوندى تىرەككە ئوتنى سالدڭ يۈرەككە
ھەرگىز كۈڭۈل بەرمەيمەن سەن يارىمدىن بۈلەككە
قىزىل گۈل تۈۋىدە سىنچاي ئىچىپ خۇمارى مەن بولدۇم
ئەجەپ ئۇتۇڭ يامان ئىكەن ئەجەپ دىۋانە مەن بولدۇم
پەدە باغلىدىم مەھكەم يڭى ئالغان دۇتتاغا
خەخلەر ئوخشتار بىزنى دۇتتاردىكى جۈپ تارغا
خەخلەر ئوخشتار بىزنى دۇتتاردىكى جۈپ تارغا
ئاتۇشنڭ بازارىدا ۋاي قاتار-قاتار دۇكان بار
ماسلاشمىسا كۈي نەدە ۋاي ئككى پەدە ئككى تار
ماسلاشمىسا كۈي نەدە ۋاي ئككى پەدە ئككى تار
دۇتتارىم ئون بەش پەدە باش پەدە يامان يەدە
ئوينىغىلى قويمامسەن كۆڭلۈم خالىغان يەدە
راۋابىڭنى ئال يارىم بېرىپ چۆللەدە چال يارىم
مەنمۇ سەندەك مۇساپىر غېرىپ كۆڭلۈمنى ئال يارىم
تۆت پەدىگە چالمايتىم چالدۇرغان مىنىڭ يارىم
راس گپىڭنى ئېيت ساڭچۇ ئەجەپ قىيلاندى بۇ جانىم
كىچە ياتتىم غەم بىلەن كۈزۈمدىكى نەم بىلەن
قاچانمۇ كۈرۈشەرمىز مىرىبانىم سەن بىلەن
ئىگىز ئايۋان پەس ئايۋان ۋاي گۈل يالا مەن ياتمايمەن ئۈزەڭ يات
ياردىگەن سەندەك بولسا ۋاي گۈل يالا يارتۇتمايمەن پەندى يات
ئايۋانىڭدا مەن ياتىپ ۋاي گۈل يالا سارايىڭنى بىلمەيمەن
قاچان كىلىسەن يارىم ۋاي گۈل يالا قارايىڭنى بىلمەيەن
قاچان كىلىسەن يارىم ۋاي گۈل يالا كىلەرىڭنى بىلمەيەن
كىلەرىڭنى بىلمەيەن ئەي