Anamga Rahmat

توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ باقتىڭىز ، تۇغۇلغاندا « جېنىم بالام » دەپ يۈرەككە ياقتىڭىز . ئوچاق بېشىدا كۆيدى يۈزلە بۇرۇن قاردەك ئاقتىڭىز ، بالام دەپلا ئۆتۈپ كەتتى سىزنىڭكى ياش ۋاقتىڭىز . دادام بولسا بىر دېڭىز ، سىز دەريادەك ئاقتىڭىز ، ھازىر ئۇيقۇڭىز بەك ئاز ياش ۋاختىڭىزدا ساقتىڭىز . تالاي كۈنلەر ئىتىزدا ئىشلەپ ، قاتتىق-قۇرۇق ناننى چىشلەپ ، پەرزەنت ئۈچۈن ، ئائىلە ئۈچۈن تۈگىمەس جاپا تارتتىڭىز ! تۈن كىچىدە بىز ئۇخلىساق جاپا تارتىپ كىر يۇيۇپ ، تاڭ سەھەردە چاي قاينىتىپ ھويلا-ئارامغا سۇ قۇيۇپ . ( سۇ سېپىش ) دادام بىلەن تەڭ ئىشلەپ يەنە ئىتىزلارنى سۇغۇرۇپ ، چۈشتە ھېرىپ ئۆيگە كىرىپ ئاشقا خېمىر يۇغۇرۇپ . ئۆيىمىز گەرچە باي بولمىسىمۇ يوقسۇزلۇقنى چاندۇرماي ، ئىشىك ئالدىغا كەلگەن مۇھتاجنى قۇرۇق قول ياندۇرماي . ھەتتا قىيىن كۈندىمۇ بىزنى مەكتەپلەردىن قالدۇرماي ، سىڭدۈرگەن شۇ مېھنىتىڭىزنى قايتۇرىمىز چوقۇم ئالدىرىماي . ئەجرىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ مەن ياخشى ئوقۇيالمىدىم ، راست گەپنى ئوچۇق دېدىم يالغاننى توقۇيالمىدىم . كۈچ-قۇدرەتلىك تاغدەك دادا ، قوينى كەڭرى باغدەك ئانا ، مەن خىجىل كەچۈرۈڭلار ئۈمىدلەرنى ئاقلىيالمىدىم . بۇغدايلىقتا ، كۆكتاتلىقتا ، شاللىق ياكى پارنىكتە ، كۈندە ئىشلەپ قاپىرىپ كەتتى قوللىرىڭىزنىڭ ئالقىنى . 2006 ، 1-ئايدا مەن ئوپراتسىيە قىلىنغاندا ، پۇل كاملىدى سېتىۋەتتىڭىز تويلۇق ئۈزۈك ، ھالقىنى ! جىنىم ئانا ھازىرغىچە مىنى قوغداپ كەلدىڭىز ، بۇ يۈرەكتە ئۇچقۇنلايدۇ مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى . مەن چوڭ بولدۇم بۇندىن كىيىن قوغداش نۆۋىتى ماڭا كەلدى ، پۈتۈن تېنىم ، سىز ئۈچۈن سىپارتاكنىڭ قالقىنى ! Hook : قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ، كىچىكىمدە ئاغرىپ قېلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا . دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ، مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا . قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىش قەھرىتاندا ، سىز ئەتكەن تاماقلاردىن بولدۇق بىز بەھرىماندا . ئاتا-ئانام ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ، ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت… يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ، بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز . بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ، چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز . VERSE 2 : ئېسىمدە بار ئون نەچچە يىل بۇرۇن چاچلىرىڭىز قاپقارا ، يۈزىڭىزدە ھېچ قورۇق يوق ، بىر چىرايلىق ساپمۇ-ساق . پەرزەنت ئىشقىدا كۆيدىڭىز ھەم چىن يۈرەكتىن سۆيدىڭىز ، چىرايلارنى قورۇق باستى چاچلارغا سانجىلدى ئاق . سوغاق بولسا دەپ تۇراتتىڭىز : _« قېلىن كەيگىن تېشىڭغا » ، مۇھەببىتىڭىز سىڭىپ كەتكەن يىگەن ھەربىر ئېشىمغا . كۈلپەت كەلسە بېشىمغا ، ئۈلپەت بولىسىز قېشىمدا ، ھۆرمەت ئەمەس ئازار بەردىم 20 نەچچە يېشىمدا . يۇمشاق ناننى بىزگە بېرىپ قاتتىق ناننى يەيتىڭىز ، _« داداڭ گەپ قىلالمىغاچقا روھىڭ چۈشكۈن »_دەيتىڭىز . ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولسۇن سىزگە يەتمىسۇن زەخمەت ، ھەم ئانا ھەم دادا بولغان جان ئانامغا رەخمەت . « ئانا »دىگەن ئۇلۇغ ئىنسان مۇھەببەتلىك يارالغان ، ئۇنىڭ مېھرى پۈتۈن جاھان ، ماكانلارغا تارالغان . شۇ سەۋەپتىن بىر قولىدا تەۋرەتسە بۆشۈكنى ، يەنەبىر قولىدا دۇنيانىمۇ تەۋرىتەر دەپ قارالغان . « ئانا »كۈيلەر بارچە شائىر مەغرىپتىن مەشرىققىچە ، چۈنكى ئانىنىڭ بالىغا بەرگەن مۇھەببىتى باشقىچە . بارچە ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ تېنى ساغلام تىمەن بولغاي ، ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن ياشاڭلار يۈز ياشقىچە ! ئاڭلاۋاتقان قىز ، خىيالىڭىز ئۇچۇپ كەتتى قايان ؟؟ ئەركەك بولساڭ ياشاش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭگە تايان ! ئانىلار قەلبى پەرزەنت ئۈچۈن دېڭىزدەك بىپايان ، ئۇلار مېھرىدىن ياشنايدۇ يەتتە قىتئە تۆت ئوكيان . ئاخىرىدا مەن ئەسكەرتەي : پەرزەنتلەرنىڭ سەمىگە ، ئاناڭ بۈيۈك ، ئاناڭ گۈزەل ئۇ گويادۇر پەرىزات . ئەنسىرەتمە ھەركۈنى ، خاپا قىلمىغىن سەن ئۇنى ، چىن قەلبىڭدىن سۆيسەڭچۇ ، ئېھ ! ئەقىللىق ئادىمزات . Hook 2 : قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ، كىچىكىمدە ئاغرىپ قېلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا . دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ، مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا . قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىش قەھرىتاندا ، سىز ئەتكەن تاماقلاردىن بولدۇق بىز بەھرىماندا . ئاتا-ئانام ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ، ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت… يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ، بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز . بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ، چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز . 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى