Muhabbat(1)

Lyrics: Mamatjan abay Music: Mamatjan abay Arranger: Mamatjan abay/HaLkim-Nahxilliri مۇھاببەت مەمەتجان ئەبەي سۆيگۈم بولسۇن ئۆزرايىم بىلەن دىلىم كۆيسۇن دىلرايىم بىلەن سېنى سۆيەي ئۆزمەيلىم بىلەن ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن سېنى سۆيەي ئۆزمەيلىم بىلەن ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن مۇھاببەت دان ئەمەس ھەريان چاچقىلى مۇھاببەت پال ئەمەس يولدا ئاچقىلى بۇ كۆڭلۈم تاش ئەمەس زورلاپ تاڭغىلى مۇھاببەت مال ئەمەس پۇلغا ساتقىلى تىلەگىم شۇ بولسۇن ئۆتەي بىر بىلەن ياشلىغىم ئۆتمىسۇن قارا دىل بىلەن قويمىغىن بىر ئۆمۈر بۇ ئارمان بىلەن تىلەيمەن ئۆتۈشنى ۋاپادار بىلەن قىسمىتىم ساقلىغىن يامان سۆزلەردىن ساقلىغىن بەتنىيەت يامان كۆزلەردىن يىراقلا سۈيتقەسلىك يات نەزەرلەردىن تىلەيمەن ياشاشنى ياخشى يار بىلەن سۆيگۈم بولسۇن ئۆزرايىم بىلەن دىلىم كۆيسۇن دىلرايىم بىلەن سېنى سۆيەي ئۆزمەيلىم بىلەن ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن سېنى سۆيەي ئۆزمەيلىم بىلەن ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن بىر مەجبۇر بىلەن