Lyrics: ilhamjan Muhemmed
Music: Muhebbet Memtimin
ئوغۇل :
بېغىمدا گۈل لالە بار غۇنچىسىدە بالى بار
مەن بارمىسام كەلمەيدۇ ئامرىغىمنىڭ ھالى بار
قىز :
كۆڭلۈم سەن تامان ئۇچار ئازاپقا گەر بولساڭ دۇچار
مەن ئۈچۈن قۇچاق ئاچار قامىتى مەردانە بار
ئوپچە قايتارما :
بىغىمدا گۈل لالەسەن پەقەتلا بىر دانىسەن
بىر قاراشتا جىنىمنى ئەسىر قىلىپ ئالىسەن
ئۇچتۇق بىرجۈپ قۇش بولۇپ بەختىمىزدىن خۇش بولوپ
يىگانەمسەن بىر دانە ئوتۇمدا پەرۋانىسەن
بىغىمدا گۈل لالەسەن پەقەتلا بىر دانىسەن
بىر قاراشتا جىنىمنى ئەسىر قىلىپ ئالىسەن
ئۇچتۇق بىرجۈپ قۇش بولۇپ بەختىمىزدىن خۇش بولوپ
يىگانەمسەن بىر دانە ئوتۇمدا پەرۋانىسەن ،پەرۋانە
ئوغۇل :
كۆپ تەلمۈردۈم يولىغا ئۈزۈك ئالدىم قولىغا
يەتمىدىم ھوزۇرىغا ئىشقىنىڭ بازارى بار
قىز :
كۈنگە ئوخشايدۇ ئۆزى قارارسىز تۇتىلار يۈزى
ئاھ شىرىن شىكەر سۆزى گاھ ئاچچىق ئازارى بار
ئوپچە قايتارما :
بىغىمدا گۈل لالەسەن پەقەتلا بىر دانىسەن
بىر قاراشتا جىنىمنى ئەسىر قىلىپ ئالىسەن
ئۇچتۇق بىرجۈپ قۇش بولۇپ بەختىمىزدىن خۇش بولوپ
يىگانەمسەن بىر دانە ئوتۇمدا پەرۋانىسەن
بىغىمدا گۈل لالەسەن پەقەتلا بىر دانىسەن
بىر قاراشتا جىنىمنى ئەسىر قىلىپ ئالىسەن
ئۇچتۇق بىرجۈپ قۇش بولۇپ بەختىمىزدىن خۇش بولوپ
يىگانەمسەن بىر دانە ئوتۇمدا پەرۋانىسەن ،پەرۋانە
ئوغۇل :
ماڭدىم ئايىغىم لاي بولدى گۈلچى قىزلار باي بولدى
كۈتكۈنىمگە ئاي بولدى نەدە يار دىدارى بار
قىز :
ھىچ ئۆزگىنى كۈتمۈدۈم سەنلا مېنىڭ بىر ئۈمۈدۈم
بىر بولماقتىن ھاياتتا ئۆزگە يەنە نە چارە بار