Music: Hoji Matkurban
كۆڭۈل كۆزى ۋە كۆزدىكى كۆڭۈلا
كۆزگە ئاق چۈشسە بولماس كۆڭۈلگە قارا
ئاق كۆڭۈلنىڭ پاكىزلىقىنى كۆزۈڭدىن سورا
بۇ دۇنيانى كۆز كۆرمەيدۇ كۆڭۈل كۆرىدۇ
زەڭ سالساڭلا كۆز ئۆلمەيدۇكۆڭۈل ئۆلىدۇ
كۆزنى يۇمۇپ ئاچالايسەن
كۆڭۈل ئاچماق تەس
كۆزنى ھەر خىل بويالايسەن
دىلدىن قاچماق تەس
كۆز ئارقىلىق كۆز تېپىلار
كۆڭۈل تېپىلماس
ئوتتا كۆيگەن ئەگرى قىلمۇ
كۆڭۈلگە سىغماس
كۆز ئالەمنىڭ ئەينىكىدۇر
كۆڭۈل ئادەمنىڭ
كۆڭۈل كۆرەر چىن ۋەزىننى ھەربىر قەدەمنىڭ