Lyrics: rozi beg
Music: rozi beg
Arranger: rozi beg
قەدرلىمەي مۇھاببىتىڭنى
كۆيمىگەنگە كۆيمىگىن كۆڭلۈم
ساختا كۈلۈپ ئالدىسا سېنى
بىۋاپاغا كۆنمىگىن كۆڭلۈم
يالغانلارغا ئالدىنىپ يەنە
ئەخمەق بۇلۇپ يۈرمىگىن كۆڭلۈم
ئەرزىمەيدۇ ئاھ ئۇرما پەقەت
يادتىن ۋاپا كۈتمىگىن كۆڭلۈم
ھىجرانىدا يىغلاپ يۈرمىگىن
كۈتكىنىڭدەك چىقمىسا كۆڭلۈم
تەقدىر شۇنداق رەھىسمىز ئىكەن
دەرتتىن ئازاپ چەكمىگىن كۆڭلۈم
ھىجران ئوتى قېينىسا سېنى
ھەسرەت بىلەن يۈرمىگىن كۆڭلۈم
بەلكىم باردۇر ئۇندىن ياخشىسى
ئۈمۈد بىلەن ياشىغىن كۆڭلۈم