Lyrics: Ablat Yidayat
Music: Ablat Yidayat
Arranger: Ablat Yidayat
سەن قەلبىمدە قالدۇرۇپ ھەسرەت
كەتسەڭ جانان يۈرەكنى ئۆرتىپ
بۇ دۇنيالىق ئارمانلىرىمدىن
دەيمەن سېنى سۆيىمەن پەقەت
قالسام تەنھا پىنھان ئويلىنىپ
ھىجران ياشلار يۈرەككە تولۇپ
لېكىن كەتمەس ئەقىدەم سۇنۇپ
دەيمەن سېنى سۆيىمەن پەقەت
كەلسەڭ بىركۈن قەدىرىم ئۆتۈنۈپ
ئايرىلغانغا يايرىم ئۆكۈنۈپ
شۇ چاغ ئېيتاي مەن ساڭا كۈلۈپ
دەيمەن سېنى سۆيىمەن پەقەت
قايغۇغا بۆلەپ - بۆلەپ
بىز خىيالغا چۈشكەندە
ئايرىلماسقا ۋەدە بېرىشىپ
تاشلاپ كەتتىڭ نېمىشكە
ئۇزاق يىللارغا ۋەدە بىرىشكەن
مەڭگۈ ئايرىلمايمىز دەپ بىللە ئۈتۈشكەن
كەلسەڭ بىركۈن قەدىرىم ئۆتۈنۈپ
ئايرىلغانغا يايرىم ئۆكۈنۈپ
شۇ چاغ ئېيتاي مەن ساڭا كۈلۈپ
دەيمەن سېنى سۆيىمەن پەقەت