burun

بۇرۇن ئادىل ئەخەت ياتتىن ئېشىپ ئالدىمغا كېلىپ، بەرگىن دېمە قەلبىڭدىن ئۇرۇن. كەچۈر سېنى بېشىمغا ئېلىپ، مەن قەدرىڭنى قىپ بولغان بۇرۇن. مىھىر كۈتسەم بەرگىنىڭ ھەسرەت، بولغان ئىدى شۇ چاغدا پەقەت، ئەمدى مەندىن كۈتمىگىن پۇرسەت، مەن قەدرىڭنى قىپ بولغان بۇرۇن. تاپىمەن دەپ ياتتىن خىلىمنى، ئاغرىتقانتىڭ ئاشىق دىلىمنى، ئەمدى بىكار ئىزدىسەڭ مېنى، مەن قەدرىڭنى قىپ بولغان بۇرۇن. سەن خارلىساڭ چىدىغان مەنمۇ، مەن كۆرگەننى كۆرۈپ باق سەنمۇ، ئەپ قالىدۇ كەلسەم دىگەنمۇ، مەن قەدرىڭنى قىپ بولغان بۇرۇن.