Music: Ali Akniyaz
Arranger: Ali Akniyaz
كۈلسىڭىز گۈللەر كۈلەمدۇ ئايسەنەم ،
شاخىدا بۇلبۇل تۈنەمدۇ ئايسەنەم .
سۇ بولۇپ مەن سىز ئۈچۈن شىلدىرلىسام،
دەرتكە بىر دەرمان ئۈنەمدۇ ئايسەنەم .
ساچىڭىز تال ـ تالىدا مەستانىمەن،
پەر قېقىپ ئۇچسا ئىگىز ئاسمانىمەن،
بۇ كۆيۈك پىنھان دېمەڭ داستانىمەن،
باشقىغا كۆڭلۈم كۆنەمدۇ ئايسەنەم .
كۆيدۈرۈپ ئاھۇ، خۇمار كۆزلەرىڭىز،
لال قىلىپ بالدەك شېرىن سۆزلەرىڭىز،
سىزنى دەپ ئاققان يېشىم بولسا دېڭىز،
يەنە بۇ ھىجران سۆيەمدۇ ئايسەنەم.
ئارمىنىم ئۆتسەمتى سىزگە يار بولۇپ،
بەختىمىز ئەۋجى ئۈچۈن زىل تار بولۇپ،
بىر قاراڭ يۈرسەم بىدارمەن زار بولۇپ،
قانچە دەرت، قانچە ئەلەم بۇ ئايسەنەم.