چىم چىم ئەتتم چىم بىلەن.
كاۋاپ ئەتتىم زىخ بىلەن.
ئېس يادىم سەن بىلەن،
سەن يۈرۈيسەن، كىم بىلەن.
دەريا بويلىسام دەيمەن؟
بېلىق ئۇلىسام دەيمەن؟
كۆڭلۈمدىكى يا بولسا.
بىللە ئوينىسام دەيمەن؟
لاچىن بولۇپ ئۇچتۇم مەن.
كۆل بويىغا چۈشتۈم مەن.
تەلىيىمنىڭ يوقلىغىدىن.
بىر نادانغا چۈشتۈم مەن.
بىر جۈپ قۇشلار تەڭ كەلگەن.
دەريا بويلاپ سەن كەلگەن.
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ.
ئىككىمىزدەك پەر كەلگەن؟