Lyrics: UCHQUN Music: UCHQUN Mixing: galip wulam
بىلمىدىم سەۋەبسىزلا مىنى تاشلاپ كېتىپ قالدىڭ . ھېچنېمىدىن ئورۇنسىزلا . ئەلەملەرگە قويۇپ كەتتىڭ
ئىلگىرى مەن سېنىڭ دېگەن ئىدىڭ . . ھازىر باشقىلارغا تەۋەپ كەتتىڭ . ساڭا بولغان چىن سۆيگۈمنى . رەھىمسىزلەرچە خارلىدىڭ
ناھايىتى شېرىن باشلانغانتى. . ئارىمىزدىكى مۇھەببەت . ئەمدى ھەممىسى ئۆزگەردى . سۆيگۈ بولدى قاباھەت
ئويلايتتىم تائابەتكىچە . سەن بىلەن بىرگە بولسام ھازىر سېنى ئۇنتالمىدىم . ئەسلىمىلەرنى ئەسكە ئالسام
بەزىدە ، ئەسلەپ قالىمەن بىللە يۈرگەن كۈنلىرىمىزنى ناھايىتى بەكمۇ سېغىنىمەن بىللە تۈنىگەن تۈنلىرىمىزنى
كۆڭلۈمدىن سوراپ باقسام . سەندىن كېچەلمەپتىمەن . چۈشۈمدە توي مۇراسىمىدا . قولۇڭغا ئۈزۈپ ساپتىمەن .
ناھايىتى ئۈمىد قىلاتتىم . ئۇ شېرىن چۈشتىن ئويغانمىسام . مىڭ زىڭگە سۆيۈپ تۇرۇپ . . سېنى باغرىمغا باسسام .
كاللامدا قالغىنى پەقەتلا ئەسلىمە . بەختىمىزگە بولدى خاتىمە . مۇھەببىتىمىز بولدى ئۆتمۈش . ئەمدى بولدۇق ناتونۇش .
سەن مېنى مۇشۇنداق تاشلاپ كېتەمسەن ئۆتۈنەي يېنىمغا قايتىپ كەلگىن . مېنى يالغۇز ئازابلاردا قويامسەن . ماڭا كۆڭلۈڭدىن بىر ئورۇن بەرگىن .
ئويلىغىن سەن . ھېكايىمىزنى . يۈرىكىڭدىن ئۇنتالامسەن . بىللە بېرىشكەن ۋەدىمىزنى مۇشۇنداقلا ، خار ، قىلامسەن .
سەندىن سورىغۇم كېلىدۇ . مۇھەببەت دېگەن ، شۇنداقمۇ ساڭا بەكمۇ ئېيتقۇم كېلىدۇ سېنى سۆيگۈنۈم گۇناھمۇ .
ئىلگىرى قولۇڭنى مېھرىم بىلەن . بەخىتلىك قىلىمەن دەپ تۇتقانتىم . ئەمدى كەتتىڭ ئۇنىڭ بىلەن . بەختلىك بول ، دەپ قويىۋەتتىم .
سەن بىلەن ماڭغان كوچىلار قاينام تاشقنلىقىنى يوقاتتى سۆيگۈمىزدىكى . غۇنچىلار . مامكاپتەك يىراققا توزۇپ كەتتى
سۆيمىسەڭمۇ مېنى ، مەيلى ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ قوي . چىن مۇھەببەت ئويۇن ئەمەس .. يۈرەك سادايىمنى ئاڭلاپ قوي .
بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . غېرىبسىنغان بۇ يۈرەك . پەقەت سېنىلا ساقلايتى
سەن مېنى مۇشۇنداق تاشلاپ كېتەمسەن ئۆتۈنەي يېنىمغا قايتىپ كەلگىن . مېنى يالغۇز ئازابلاردا قويامسەن . ماڭا كۆڭلۈڭدىن بىر ئورۇن بەرگىن .
يالغۇز قېلىپ ھۇجرىدا بۇ ئۆتمۈشتىن ئۆرتۈنۈپ . كونا جاينىڭ ئالدىدا . يولۇڭغا قاراپ تەلمۈرۈپ .
مېنىڭ كۈنلىرىم پەقەت . سېنىلا ئەسلەش بولدى . سېنىڭ قىلغىنىڭ ، پەقەت . باشقىلار بىلەن كېتىش بولدى .
بولدى ئەمدى كېتىۋەرگىن . ئەمدى ھەرگىز ئىزدىمەيمەن . بەختىڭنى ئۇنىڭدىن تېپىۋەرگىن . كۆڭلۈمدىن ئورۇن بېرەلمەيمەن .
كەتسەڭ كەلمە . كەچۈرمەيمەن . چىن دىلىمدىن سۆيەلمەيمەن . سەن كۈتكەن مۇھەببەتنى ئەمدى ساڭا بېرەلمەيمەن .