Lyrics: Ahmatjan-Eysa
يېقىنلارمۇ ياتلىشاركەن مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا
كەچكەنلەرمۇ چاپلىشاركەن مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا
قول تېشىغا ئېگىلمەسمىش ياندىن ئاشسسا ياتقا دەپ
قەلەمتۇراچتەك قاتىلىشاركەن مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا
SOLO
كەلسە ئامەت ھەركىملەرگە دانالارمۇ خوش دەيدىكەن
گېپى چوڭمۇ كايىماستىن ئەدەپ بىلەن بوش دەيدىكەن
ئۆز ئۆيىدە زاغرا يېمەس ساپ تاپسا گۆش دەيدىكەن
پىچاقلىرىمۇ داتلىشاركەن مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا
مۇزىكا
ئىچىپ تۇرۇپ گاھى بىرمىز ئىززەت ھۆرمەت شارابىدىن
كېچەلمىدۇق شۇنداقتىمۇ شەخسى مەنپەئەت ئازابىدىن
تازغا تاغاق ساتقان تۇرۇپ سۆزلەر تېخى جانابىدىن
يۈزى تۆۋەنمۇ داپلىشاركەن مەنپەئىتىگە تاقاشقاندا
SOLO
مەيلى تۇغقان يا قېرىنداش نەپلا چىقسا ئىزدەيدىكەن
خىجىل بولماي ھەر ۋاقىت يانلىرىڭدا بىز دەيدىكەن
سەنلەيدىغان چىمەنلەرمۇ پۇللا بولسا سىزلەيدىكەن
جانانلارمۇ تاشلايدىكەن مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا