yar eyle

ئەقىلىڭ بولسا ياخشىلار بىلەن ھەمدەم بول ئەخمەق ئادەم نادان بىلەن يار ئەيلەر چىن ئاشىقلار ھىجراندا يار جامالى بىر كۆرسەم دەپ كېچە كۈندۈز زار ئەيلەر چىن ئاشىقلار ھىجراندا يار جامالى بىر كۆرسەم دەپ كېچە كۈندۈز زار ئەيلەر نامەرىتتە غۇسسە بىلەن قالىپ مەن دەرىتتە كۆڭۈل ئارام تاپماس بىر پىنھان يەردە نامەرىتتە غۇسسە بىلەن قالىپ مەن دەرىتتە كۆڭۈل ئارام تاپماس بىر پىنھان يەردە پۇلى بار دەپ مېھمان بولما نامەرىتكە ئاجىز پېقىر بولسا ئەگەر يار ئەيلە پۇلى بار دەپ مېھمان بولما نامەرىتكە ئاجىز پېقىر بولسا ئەگەر يار ئەيلە نامەرىت ئۆز ئۆيىدە مەرىتچە سۆزلەيدۇ نادان ھەققىڭ يىسە ئويالماس نامەرىت ئۆز ئۆيىدە مەرىتچە سۆزلەيدۇ نادان ھەققىڭ يىسە ئويالماس مەرىت يىگىت دۇنيا تاپسا ھىممىتى ئاشار نامەرىت دۇنيا پايدا تاپسا كۆڭلنى تار ئەيلەر ئەي ئىنسان ئەمدى ئۆزۈڭنى كۆزلە ياخشىنى تەرىپلەپ ياماننى تۈزلە ئەي ئىنسان ئەمدى ئۆزۈڭنى كۆزلە ياخشىنى تەرىپلەپ ياماننى تۈزلە ئاز يەپ ئاز ئۇخلاپ يەنە ئاز سۆزلە كۆپ سۆ ئاخىرى ئەل ئىچىدە خار ئەيلەر ئاز يەپ ئاز ئۇخلاپ يەنە ئاز سۆزلە كۆپ سۆ ئاخىرى ئەل ئىچىدە خار ئەيلەر ئەقىلىڭ بولسا ياخشىلار بىلەن ھەمدەم بول ئەخمەق ئۆزۈم نادان بىلەن يار ئەيلەر چىن ئاشىقلار ھىجراندا يار جامالى بىر كۆرسەم دەپ كېچە كۈندۈز زار ئەيلەر چىن ئاشىقلار ھىجراندا يار جامالى بىر كۆرسەم دەپ كېچە كۈندۈز زار ئەيلەر