ANa

Lyrics: WEKIL Music: WEKIL VERSE:1 WEKIL بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئانا سىزنى سېغىندىم . كۆزۈمدە لىق ياش راستلا بەك سېغىندىم . سىز بولمىغاچقا يېنىمدا نۇرغۇن قېتىم يېقىلدىم . ئانىسى بارلار ئالدىدا ، چەتكىمۇ قىقىىلدىم . ئالالمىدىم ئانا سىزنىڭ رازىڭىزنى . ئاڭلىغۇم بار قايتا ئاۋازىڭىزنى . ئانا كۈچۈم يوق ، يېنىمدا سىز يوق . ئۆيلەر بولسا زىمىستان ئىللىتقۇدەك نۇر يوق . ئانا مېھرى ئىللىق قۇياش تەربىيىلىرى بىزگە مىراس . باشقا مۇھەببەت يالغان بولسىمۇ ئانا مۇھەببىتى ئەزەلدىن راست . ياتقان يېرىڭىز ئۇلۇغ بولسۇن مەندىن بىر تىلەك . تولۇقلانمايدۇ ، لېكىن پۇچۇلغان يۈرەك . نۇرغۇن سۆزۈم بار ، ئانا سىزگە دەيدىغان . ھەر بىر ئېيتقان سۆزلىرىڭىز يۈرىكىمگە ئۇيۇلغان . قانىتى سۇنغان قۇش بولدۇم ۋاقىتسىزلا كەتتىڭىز . ئانا ، ئەسلى سىز ئىدىڭىز خۇشاللىقىم بەختىمىز . HOOK: 1 X-NJ ئانىلار ئۇلۇغ سۆزلىرىدە ھېكمىتى بار . ئانىلارنىڭ تارىختا نۇرغۇنلىغان شۆھرىتى بار . ئانىلارنىڭ يۈرىكىدە ئائىلىسى پەرزەنتى بار . دۇنيانى تەۋرەتكۈدەك مەسۇلىيىتى ۋەدىسى بار . VERSE: 2 WEKIL كېچىكىپتىمەن ئانا ئۆزگەرسەممۇ ئەمدى . چۈشەندىم بۈگۈن مانا ئانام يېگەن غەمنى . ئىسسىق تاماق تەييارلاپ ساقلايتتىڭىز بىزنى، كۆزلىرىمدەلىق ياش ئەجەب سېغىندىم سىزنى . شۈكرى تاغدەك يۆلەنچۈكۈم ئاتام بار . يېنىمدا بولمىسىمۇ قەلبىمدە پەرىشتە ئانام بار . بەڭباشلىقتا مۇھىم بىلىپ ئويناپتىمەن ئويۇننى . سىلەردىن ئارتۇق كۆرۈپتىمەن تالادىكى سورۇننى . ئاسماندىكى ئاينى ئانا سىزگە ئوخشىتىمەن . ماڭا دېگەن سۆزلىرىڭىزنى كىچىكلىكتە بىلمەپتىمەن . ئانا سىز بولمىغاچ بۇرۇنقىدەك كۈلمەپتىمەن، ئېسىمدە سىمايىڭىز سىزنى كۈلدۈرمەپتىمەن . رازى بولۇڭ ئانا ئاق سۈت بېرىپ باققانغا . ئوخشىتاتتىم كىچىكىمدە ، سىزنى ئانا قالقانغا . ئانا قەلبى دېڭىزدۇر ئانا ئىنسان ئۇستازى . ئانىلار بار ، ئۆيلەر گۈلىستانلىق گۈلزارى . HOOK: 2 X-NJ ئانىلار ئۇلۇغ سۆزلىرىدە ھېكمىتى بار . ئانىلارنىڭ تارىختا نۇرغۇنلىغان شۆھرىتى بار . ئانىلارنىڭ يۈرىكىدە ئائىلىسى پەرزەنتى بار . دۇنيانى تەۋرەتكۈدەك مەسۇلىيىتى ۋەدىسى بار .