Lyrics: Muzappar- Alim
Music: Mewlan Ezimshah
جانان بىلىدۇ
مېھمان
يوللار ماڭا پۇتلاشما ئارتۇق ،
يىراقلاردىن جانان كىلىدۇ .
سىناقلاردا تاۋلاندى ۋىسال -
ماڭدىم دەيدۇ ھامان كىلىدۇ .
كۆكسۈمدىكى دەريادا يالغۇز ،
ئۆمۈر بۇيى جانان ئۈزىدۇ .
سېغىنىشنىڭ قىياملىرىدىن ،
لەۋلىرىمگە ئۈنچە تىزىدۇ .
مۇھەببەتنىڭ ئورمانلىقىدا ،
جانان رەسسام مىنى سىزىدۇ .
چاچلىرىمنى ئويناپ ئولتۇرۇپ ،
خىيالىدا جاھان كىزىدۇ .
سۆيۈشمەيمىز ئىككىمىز لېكىن ،
سۆيگۈ بىزنى بىھۇش قىلىدۇ .
يىللار مىنى قېرىتمىغىن بەس ،
يۈرۈكۈمنى جانان بىلىدۇ .