Lyrics: PiDA_laila
Music: Entizar/PiDA_laila
Arranger: PiDA_laila
...
ئەينەككە قاراشقا ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
بولمىسا ، مەن ئۇنچىۋالا سەتمۇ ئەمەس .
بالا تاپماستىن دادامنىڭ قەدرىگە يەتتىم .
تۇرمۇشىمىز بۇنچىۋالا دەرتمۇ ئەمەس .
دەپ زادى قانچە رەت ئۆزۈمنى ئالدىدىم ؟
تېشىپ چىققان پىغاننى ئىچىمگە يالمىدىم .
بەخت ئالدىمدا بوينىغا گىرە سالمىدىم .
چۈنكى قولۇم يەتمىدى بوينىغا يۈرەكنى ئۆرتىدى ھەسرەت .
ياق! ئەينەكتە نېمە گۇناھ ؟
قاينىساممۇ بەرىبىر سەن چۈشىنەمتىڭ؟!
كۆزۈڭنى ئاچ دېدىم . ئۆزۈڭنى تاپ دېدىم!
كۆرگىلىكىم ئازدەك سەن ئۈچۈن غەم يېدىم.
قايتا قايتا، قايتا قايتا قايتا قايتا .
قايتىلاندى پاجىئە بەس بۇرنۇمغا يېدىم .
گەر دانكو بولۇپ يۈرەكنى ئالساممۇ يۇلۇپ قولۇمغا،
ئەگەشمەي تۇرۇپ يولۇمغا ئىشىنەمتىڭ؟
ئېيت! سەن ئىشىنەمتىڭ ؟
كېلىدۇ باھار دېسەم ئىشىنەمتىڭ؟
چاتقالنىڭ چېكى بار دېسەم ئىشىنەمتىڭ؟
ئۆمرۈڭ كەتسە جان بېقىشقا . قورساققا بىر نان تېپىشقا . چىدىمايسەن قان ئېقىشقا .
ئۇستا سەن كەتمەن چېپىشقا .ئەسكى مەشكە ئوت يېقىشقا .تۇتاشقىچە گەپ سېتىشقا .
قىزىقمايسەن پۇل تېپىشقا يول ئېچىشقا قول سىقىشقا .
خۇشتارمۇ سەن ئۇل بولۇشقا ؟ تەييار مۇشتاق كۆز يۇمۇشقا
مەن رازى مۇشتا ۋالاقلاپ بۇ جاننى پىدا قىلىشقا .
ئاقىۋەتنى ئويلاشماستىن سەندەك ئەرزىمەس پېقىشقا
دەپ ئۆلۈپ كەتسەم ناۋادا گۆر كولاشتىن باشقا ئىشقا
يەڭ تۈرۈپ بىر جۈپ بېلەكنى ئىشلىتەمتىڭ؟
ئېيت ، سەن ئىشلىتەمتىڭ؟راستلا ئىشلىتەمتىڭ ؟
ھىم بولدى بەس ھەممىسى قۇرۇق گەپ .
ھەقنى ئەينەن كۆرسىتىش ئەينەكنىڭ خىسلىتى .
ھەممىنى بىلىمەن بىلىپ تۇرۇپ قىلىمەن يەنە .
بەلكىم مۇشۇ پىشانەمنىڭ تەقدىر قىسمىتى .
زاغۇنلۇقنىڭ قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان ئەينەك .
قۇياشنى كۆرمەي يۈزىگە پەردە يېپىلغان ئەينەك .
جامالىغا تۇتسا ھەق، چاك چېقىلغان ئەينەك .
تۇپراققا چېچىلغان ئەينەك ، تۇپراققا چېچىلغان ئەينەك .
ئولجا كەتكەن لەيلەك . بىر سىركاي مەيدەك .
ئاسماننىڭ قەھرىدە مەست لەلەڭشىگەن ئەينەك .
چاي قايناتقان گۇناھىغا ئوتتا كۆيگەن چەينەك مەن
تالاي چوغنى كۈل قىلىپ قۇيۇلۇپ چىققان ئەينەك .
قۇيۇلۇپ چىققان ئەينەك .قۇيۇلۇپ چىققان ئەينەك .