خەتلەر يازدىم ئۆزۈڭگە
ئىشەنمىدىڭ يار سۆزۈمگە
دىلرابا دىلرابا
سۆيگەن يارغا قىل ۋاپا
سۆيۈپ ياشايمەن يارىم
كۆڭلۈڭدە خارمەن جانىم
بىلىشكە ئىنتىزار قىلدىڭ
كەلمىدى يارىم جانىم
يا چۈشۈمگە كىرمەيسىز
مىنى كۆزگە ئېلمايسىز
سىزگە بولدۇم مەن شەيدا
ئۆزگە يارنى ئىزدەيسىز