Baxden Utkan

Lyrics: Alxir Music: Alxir Arranger: Alxir باشدىن ئۆتكەن ئىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي . بىردىن. مۇئاشىممۇ چاغلىق ، ئەمما كۈندە خەجلەپ مڭدىن ھەتتا ئانامغا خەجلىمىگەن پۇلنى ئاشۇ قىزغا خەجلەپ بېرىپ. كۆرىمەن تېخى ئاخىرىدىن مېھىر كۈتتۈمە ، كىمدىن. مەست بولۇۋالسام قىزىقىمەن ، پۈتۈن كىشىگە تېلېفون قىلدىم. دەردلىرىمنى ئېيتىپ كېتىمەن ، ئوغۇل تۇرۇپ يىغلاپ بېرىپ. ئۆزۈم تاشلىۋېتىپ يەنە يارىشىپ قالايلى دەپ غەلۋە قىلىپ. توۋا ، ساراڭ بوپتىمەن ، پۈتۈن بالانى ئۆزۈم تېرىپ. بەش يۈز كوينى ئارتۇق خەجلەپ ، ئالدىنقى قېتىم سورۇندا. ئۇ قىزلارمۇ كېلىپ ئولتۇردى ، قېشىمدىكى ئورۇندا. ئۆيگە قايتىپ تېلېفون قىلسام ياراتمىغاش ئالمايدۇ. ئەمما ياخشىراق سورۇن قىلساڭ ئۇ سورۇندىن قالمايدۇ. پۇت قولۇمدا جان يوق ، لېكىن كۈندە ھارماي ئىشلەپ. بەزىدە ، يىغلىغۇم كېلىدۇ ئۆتكۈزدۈم چىشنى چىشلەپ. كېيىن قانداق قىلارمەن تېخى ئون تىن پۇل يىغمىدىم. نېمىدېگەن سەتچىلىك بۇ بىر يەردە ئىككى يىل ئىشلەپ. شۇ تۈپەيلى خەقلەرمۇ ماڭا سانجىپ زىقىنى. ھاراققىمۇ خۇمار بولدۇم ، تاللاپ ئىچىپلا قېنى. قىز بالىدىن تەلەي كەلمەي ، ھەر قېتىمدا ئازار يەپ. شۇڭلاشقا مەن بۆلۈپ كەتتىم ، كىچىك تۇرۇپلا جىق قېنى. ئانچە مۇنچە سۆزلەپ قويما ، ئالدىمدىكى ھاراققا. گەپلىرىمنى يېزىپ قويدۇم ، ئاشۇ دەپتەر ۋاراققا. يالغان كۈلۈپ خۇشاللىق ئىزدەپ ، بېشىم قايغان كەيپتىن. ئاخىرىدا يۈزنى تۆكۈپ ۋەيران بولدۇم ، بىراقلا. كەيپ ئېغىر قان ياندۇرۇپ ئاغرىپ كەتتى جېنىم. جىق ئاڭلىدىم يالغان گەپنى پۈتۈن نەرسەم سېنىڭ. ئاللىبۇرۇن تويۇپ كەتكەن بۇ جاندىنمۇ ئالە قېنى. نېمىشقا دەپ سورامسىز مەينەت چىققان قېنىم. مۇشۇ ناخشا بىلەن ساڭا ئازابىڭغا دەرمان بولاي. ئۆزگۈرۈپ كېتە بىر چەتتە تۇرۇپ ھەيران قالاي. دەردلىرىڭ ئېغىر بولسا ، سەندە مەن ئاڭلاي. تېكىستمغا قېتىپ سېنى ئازاب كۈينى ئۆزۈم چالاي. بولدى ، بۇ ناخشىمۇ تۈگىسۇن. بەزەن گەپنى دېمەي ، ئۆزى كۆرۈپ ئۆزى بىلسۇن. باشتا خەقنى ئەمەس ، ئۆزىنى ئۆزى سۆيسۇن. گەپلىرىڭدىن ئوت ئەمەس ، يۈرەك كۆيسۇن.