Lyrics: ㅤ︄︇︈︅ㅤㅤ Music: ㅤ︄︇︈︅ㅤㅤ Arranger: ㅤ︄︇︈︅ㅤㅤ قەغەز ساتىمەن،, ئەرزان ساتىمەن. كىچىك بولساممۇ،, ئۆينى باقىمەن. ئاكا قەغەز ئېلىڭە،, ئاچا قەغەز ئېلىڭە. مۇشۇنى ساتسام تۈگەيدۇ،, ماڭا ياردەم قىلىڭە. ئارزۇيۇمدۇر مەكتەپتە،, دوستلىرىمدەك ئوقۇسام. دەرتلىرىمىز ھەل بولماس،, لېكىن قەغەز ساتمىسام. ئويناپ يۈرسە دوستلىرىم،, مەن يۈرىمەن كوچىدا. قەغەز ئەمەس ساتقىنىم،, غورۇرۇمدۇر جان دادا. سەبىيلەر بىزگە بېرىلگەن ئامانەتتۇر. بىز ئۇلار ھەققىدە جاۋاپكار بولۇشىمىز كېرەك. بالىلارنى بالىلىققا قانغىلى، سەبىيلىككە قانغىلى قويايلى. بالىلار پۇل تېپىشىمىزنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئۆزىمىز قۇرغان ئائىلە ۋە شۇ ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىكاھتىن بۇرۇنلا ئىدىيىمىزدە مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەييارلىقى بولۇش كېرەك! بالىلارنىڭ سۈتتەك ئاپئاق قەلبىگە بىلىم نۇرلىرى سىڭسۇنكى پۇل تېپىش ئېڭى تاجاۋۇز قىلمىسۇن. ئاتا ئانا بولغان ئىكەنمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە، جەمىيىتىمىزگە،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولايلى! ئۇلار ھۆل قەغەز سېتىپ،ئاياغ مايلاپ تاپقان كىچىككىنە پۇللار ئائىلە قىيىنچىلىقىمىزنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇپ قالغاندەك بىلىنسىمۇ مۆرىتىدە ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىنسانىيلىق پىسخىكىسىغا، غورۇرىغا ۋە كىشىلىك ھايات قارىشىغا كۆرستىدىغان, سەلبى تەسىرىنى پۇل بىلەن قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ! ئاپا دادا ئۆتۈنەي،, قەغەز ساتماي كوچىدا. كىچىككىنە تۇرۇپلا،, يۈرمەي پۇلنىڭ كويىدا。