Ghemkin忧愁

Lyrics: 艾科拜尔(Free boy) Music: Ablajan Awut Ayup مەيىن شامالدىن پۇرىدىم ھىدىڭنى, ,‎ئەسلەتتى قايتا ماڭا ئازابىمنى, ‎ئۇنتۇشقا ئامالسىزمەن ئەي گۈزەل قىزچاق, ‎ئېچنېمەن ئويلاپ گۈدەكلىكىمنى, ‎چۈشەندۈرگۈم بار لېكىن, ,‎جۈرئەت يوق ھالىم مىسكىن ,‎كۈنۈم يوقتۇر ئۆتكەن خۇشال ‎ بولىدۇم بىچارە غەمكىن سايرىدى قارلىغاچ ئاڭلىغاچ ناخشامنى بۇ ناخشام ئەسلىدە ئايدىڭ ئاخشامنى ئۇچراشسام سەن بىلەن باھار پەسلىدە. بەختلىك شۇ كۈنلەر قايتا ئەسلىگە. كەلمەيلا كەتتى سۆيگۈمىزنىڭ ئالتۇن پەسلى ئۇنتۇلدى بۈگۈن سۆيگۈمىزنىڭ ئەسلى ۋەسلى. قۇلىقىڭغا پىچىرلاپ دەيتىم مەن سېنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن. سۆيەلمەيمەن سەندىن باشقىنى بۇنى ئۆزۈڭ ئوبدان بىلىسەن. باشقا يول يوقمۇ بىزگە ئەمدى ئايرىلىشتىن باشقا ئۇنتۇشۇم كېرەكمۇ ئەمدى سېنى ئاستا ئاستا تاپقىنىڭ بەلكىم مەندىن ئاقسا مەيلىمۇ ئۇلارمۇ سېنىمۇ تاشلاپ قاچسا. بولدى ئەمدى تامام بولدى. ئاستا ئاستا ئۇنتاي مەن سېنى. تەسەللىيلەر كېرەك ئەمەس ماڭا. تاپقۇم يوق ئەمدى باشقىنى. بەخىتلىك بولساڭلار بولدى. سەنمۇ تاپقىن ياخشىنى يالغۇز كېچىدە ئۇخلىماي يازدىم ساڭا ئاتالغان خۇش بۇ ناخشىنى. تولۇن ئايغا يۇلتۇزلارمۇ ھەمراھ بولىدۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى. خەير دېدىم ئۆتكەن كۈنلەرگە قوبۇل قىلىشىم كېرەكمۇ ھەممىنى ئۆزۈم يالغۇز ئۆتكۈزەي ئەمدى. بۇ كەلگەن سوغۇق كۈز پەسلىنى. ,‎زادى ئۇنۇتالمىدىم مېھرىڭنى ئەسلا ‎ مەن چىن سۆيگۈڭگە تەشنا, ,‎ئۆزۈمنى يالغۇز چۆل-جەزىرىدە سەزدىم, ‎قايتا قايتا خاتىرەمنى كەزدىم, ,‎خاتالىقىمنى بىلدىم, ‎ئەپسۇس،تولىمۇ كېچىكتىم