Qerindash

Music: Perhat Abit Qoglan ساڭا يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ قېرىنداش ، باش قاتۇرۇپ غېمىڭدە كەچ ياتىدۇ قېرىنداش . مېيىت يالغۇز چىققاندىن يوقتۇر ئارتۇق غېرىپلىق . ئۆلگەن چېغىڭ ياش تۆكۈپ ئۈن سالىدۇ قېرىنداش .
بىر ئاتا ۋە ئانىدىن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ، ۋۇجۇدۇڭغا خۇي پەيلىڭ ئوغۇز بىلەن تەڭ كىرگەن . ئاداۋەتنى دوسىت تۇتما ئىناقلىقىڭ ئامىتىڭ . ئىنساپ بەرگەن بىر كۈنى سۆز ئاچىدۇ قېرىنداش .
بەزى ئادەم پەرۋانە نىمىتىڭنى يېگۈچە ، ئەسقاتىدۇ تۇغقىنىڭ قېرىندىشىڭ ئۆلگىچە . كىچىك بولساڭ چوڭلارنىڭ ئالدىغا بار ئىگىلىپ ، ۋاپادارلىق ئويغۇتۇپ كۆز ئاچىدۇ قېرىنداش . ساڭا يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ قېرىنداش .