Yikaya

Lyrics: Alxir Music: Alxir Arranger: Alxir شۇنداق ، ئۇ قىز ۋەيران بولغان مۇھەببەتنى دەپ . ئەمما ، ئوغۇل دوستىنىڭ دېگەن گېپى بولدى ، ئەمدى كەت . دوستلىرىڭمۇ جىق ، ئەمما مېھىر كەلمىدى . سىردىشىنىڭ دېگەن گېپى ئالە ماۋۇنى چەك . بولدى يۈرىكى ئازابلارغا تولدى . نېمە دەي ئەمدى ئۇنى تاشلاپ كەتتى مۇھەببەتكە ئىشەنمەس بولۇپ يۈرەكلىرىنى ئويىۋەتتى . بىللە چۈشكەن رەسىمى كۆز ياشلاردىن نەملەشكەنتى . ئوغۇل بالىغا ئىشەنمەس بولۇپ ۋەدە بېرىپ ھاراققا . دەردلىرىمۇ يېزىلغانتى خاتىرە دەپتەر ۋاراققا . ئۇنتۇيالمىدى قانداق قىلىشنى بىلمىدى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئامال يوق كېتىپ قالدى يىراققا . يات شەھەرنىڭ مۇھىتىغا ئۇ قىز بالىغا كۆنەلمىگەن . ئۇ شەھەردە قىينىلىپ قالدى دۆلەت تىلىنى ئۆگەنمىگەچ . بىرسى كېلىپ قولنى سوزسا ئۇنىڭ بىلەن كېتىپ قالدى . كۆزنى ئاچسا دوختۇرخانىدا نېمە بولغىنىنى بىلەلمىگەش دەرت ئەلەم قايغۇ ھەسرەت ئۇ قىز بالىنى بېسىپ كەتتى . دوختۇرخانىدا ئىككى ئاي ئارىغا سىناپ يېتىپ كەتتى . ئاتا ئانىسىغا تېلېفون قىلسا ئاتا ئانىسى ئالمىغانتى . تاماكا تەڭلىگەن سىردىشىممۇ ھەتتا قېشىدا قالمىغانىدى . سىردىشىم سىردىشىم دەپ يۈرگىنى ئۇزاق بولغان . ئەمما ساڭا تەڭلىگىنى مېھرى ئەمەس توزاق بولغان . ئۇ قىز بالىغا كەلمىدى بىرەر قېتىم خۇشاللىق . لېكىن ھەر قېتىم كەلگىنى ئۇنىڭ بەكلا ئازاب بولغان . ھادىسىدىن تېلېفون كەلدى داداڭ ئۆلۈپ كەتتى دەپ . سەن تۈپەيلى دادىمىز نى كۈنلەرنى چەكتى دەپ سىڭلىسىنى تىللاپ بەردى ، مۇرادىغا يەتتى ، دەپ . دادام مېنىڭ دۇنيادىن مەڭگۈلۈككە كەتتى دەپ