بارغان كۈنلۈرۈم كۈتكەن يا ئىشىك ئالدىڭدا،
ساقلاپ سىنى بىر كۆرۈشكە بولۇپ ئىنتىزار،
يۈرەكتىكى سۆزلۈرۈمنى قىلالماي ئىزھار،ئوھۇ قىلالماي ئىزھار
كۆرسەت ماڭا بىر ئۆزۈڭنى بۇنچە قىينىماي
ساڭا ئاشىق بۇ يۈرەكنى بۇنچە تىلغىماي،
ھەمرا ماڭا ھەر كىچەلەر،
كۆكتە تولۇن ئاي،،ئوھۇ كۆكتە تولۇن ئاي،
ئىيتقىن نىگار زادى شۇنچە باغرىڭ تاشمىدى،
ياكى مەندىن باشقا سۆيگەن يايرىڭ بارمىدى،
ۋىسالىڭغا يەتمەك نىچۈن شۇنچە تەسمىدى،
ئۆتەر كۈنلۈرۈم پەرىشان ئىشقى ئوتۇڭدا،
سەۋدايىڭمەن بىر قاراپ قوي مىنىڭ ھالىمغا،
سۆيمىسەڭمۇ بىر قۇلاق سال ئاھۇ زارىمغا ئوھۇ ئاھۇ زارىمغا
بارغان كۈنلۈرۈم كۈتكەن يا ئىشىك ئالدىڭدا،
ساقلاپ سېنى بىر كۆرۈشۈشكە بولۇپ ئىنتىزار .
يۈرەكتىكى سۆزلىرىمنى قىلالماي ئىزھار .ئوھۇ قىلالماي ئىزھار .
ئېيتقىن نىگار ، زادى شۇنچە باغرىڭ تاشمىدى،
ياكى مەندىن باشقا سۆيگەن يايرىڭ بارمىدى ؟
ۋىسالىڭغا نىچۈن شۇنچە تەسمىدى .
ئۆتەر كۈنلىرىم پەرىشان ئىشقى ئوتۇڭدا .
سەۋدايىڭمەن بىر قاراپ قوي ، مېنىڭ ھالىمغا .
سۆيمىسەڭمۇ بىر قۇلاق سال ئاھۇ زارىمغا ئوھۇ ئاھۇ زارىمغا، ئوھۇ ئاھۇ زارىمغا