Aylinay

Lyrics: AMax Music: AMax Mixing/Mastering:Mr.Perman AMax گۈل دېسەم گۈلدىن گۈزەل تۈندىن قارا بۇ جاھان بىر كۈلمىسەڭ كۆيدى ھەم يۈرەك ۋەسلىڭنى كۆرمىسەم پۈتۈن ئەس يادىمدا پەقەت بىر ئۆزەڭ غېرىپ ھالىمغا دەرمانىم مېنىڭ لېرىك سازىمغا ئېلھامىم مېنىڭ بېرىپ بارىمنى دىلدارىم ساڭا ئاڭلا سەن ئۈچۈن پىدا بۇ جانىم مېنىڭ ۋاي ۋاي ئاشىقمەن جامالىڭغا ئاي ئاي خىجالەت ئالدىڭدا ئايلىناي پەرۋانىدەك ئەتراپىڭدا يانىڭدا تۈنلەپ تۈنلەپ ئۇخلىيالمىدىم كۈيلەپ كۈيلەپ سېنى يەنە قانمىدىم گۈللەر ئارا ئىزلەپ ئامرىغىم پەقەت سېنى تاللىدىم يار يارەي بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي يار يارەي بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي WANAM ئاسمىنىڭدا يۇلتۇز بولاي سەن بىلەن مۇڭدۇشۇپ خۇددى بىر جۈپ كېپىنەكتەك باغلاردا قوغلۇشۇپ ھەممە بىزگە تاڭ قالسۇن ئەتراپىمىزدا ئولۇشۇپ بەخت ئىشىكىنى تەڭ ئاچايلى بىللە قول تۇتۇشۇپ ئاستا ئاستا كېلەيلى بىز ئاز ئازدىن جېنىم سېنى مەدھىيەلەپ ناخشامغا يازدىم بەلكىم نەچچە نەچچە رەت ئازغۇنلاردا ئازدىم سېنى تاپتىم خۇددى چۆل جەزىرىدىن ئالتۇننى قازدىم ئۇچامدا كانۋاي كۆينەك بېشىمدا بادام دوپپا ئۆرىمە چاچلىق ئۇيغۇر قىزى ئۈستۈڭدە ئەتلەس يوپكا ۋەسلىڭگە يېتىش ئۈچۈن قىينالدىم مەن نەچچە سوتكا سۇغا دېسەڭ سۇغا كىرەي ئوتقا دېسەڭ ئوتقا AMax زار-زار مەن ئىشقىڭدا ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلىپ ئۇچقۇم بار مۇھەببىتىمىز ئوت بولۇپ لاۋۇلدىسا مەن ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا زار-زار مەن ئىشقىڭدا ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلىپ ئۇچقۇم بار مۇھەببىتىمىز ئوت بولۇپ لاۋۇلدىسا مەن ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا يار يارەي بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي يار يارەي بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي زارلىناي ئىشقىڭدا ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا باغلىناي ناخشامدا بىر ساڭىلا باغلىناي زارلىناي ئىشقىڭدا ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا باغلىناي ناخشامدا بىر ساڭىلا باغلىناي