Hijran

Lyrics: Tiwip/Metro-Dani Music: Tiwip/Alimjan-ks Arranger: Tiwip Tiwip كەشكۈزنىڭ سوغۇق شامالى كۆڭلۈمنىڭ يوقتۇر ئارامى كۆڭلۈمنىڭ يوقتۇر ئارامى بۇنىڭ سەۋەبى ئىشتىم ھىجران شارابى ئاشىقنىڭ نېمە ئامالى تۈگىمەس كۆڭۈلنىڭ ئازارى تۈگىمەس كۆڭلۈمنىڭ ئازابى بۇنىڭ سەۋەبى يارىم مەندىن نارازى يادىڭدىمۇ بىز ئۇچراشقان تونۇش ناتونۇش كوچا, ساقلىدىم قايتىپ كېلەرمۇ دەپ تاڭلار ئاتقۇچە, تەنھا مەن يۈرەيمۇ ياكى سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە, ئۆلۈپلا قۇتۇلايمۇ يا ئازابتا قالغۇچە。 MuFariz سۆيگۈگە تەشنا قىزچاق, تۇراتتى يىگىتنى ساقلاپ كېچىكىپ كېلەتتى دائىم باھانە ئىزدەپ ئۆزىنى ئاقلاپ, بىپەرۋا ئاشىق كۆڭلىدە سوغۇق تەلەپپۇزدا، قىلغان مۇئامىلە, ئويلايتتى يېنىمدا بولسىلا سۆيىدۇ مېنى دەپ ئۆزىنى ئالداپ, كەشكۈزنىڭ سوغۇق شامىلى مىسكىن يامغۇر ياغىدۇ سىم سىم, دەرتلەرگە ئەسلىمە ھەمراھ، كۆز ياشلىرىنى, كۆرمىدى ھېچكىم, جۈپ كۆزدىن ئاققان سېغىنىش يېشى ئىككىلىنەتتى سېغىندىم دېيىشتىن, ۋاز كەچمەي، نە ئامالى ئۈمىد يوق تۇرسا قايتىپ كېلىشتىن, يادىڭدىمۇ، بىز ئۇچراشقان تونۇش ناتونۇش كوچا, ساقلىدىم قايتىپ كېلەرمۇ دەپ تاڭلار ئاتقۇچە, تەنھا مەن يۈرەيمۇ ياكى سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە, ئۆلۈپلا قۇتۇلايمۇ يا ئازابتا قالغۇچە。 语录部分:Gulbahre …… يادىڭدىمۇ، بىز ئۇچراشقان تونۇش ناتونۇش كوچا, ساقلىدىم قايتىپ كېلەرمۇ دەپ تاڭلار ئاتقۇچە, تەنھا مەن يۈرەيمۇ ياكى سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە, ئۆلۈپلا قۇتۇلايمۇ يا ئازابتا قالغۇچە。