Minos Hayat

Lyrics: Mirzat Music: Mirzat Arranger: Mirzat بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تاتتىڭ قانداق داۋالايسەن بۇرۇنقى ئاشۇ يارىنى پۇلدىن باشقا نەرسىنىڭ قالمىدى ھېچ بىر تايىنى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى دەپ ئاتايسەن ئۆزۈڭدە بارىنى چۈشەنمەيدۇ ئەكسىچە چاپلايدۇ ساڭا قارىنى نېمە ئۈچۈن بىر ناخشىنى قايتا قايتا ئاڭلايسەن ساڭا يامانلىق قىلغانلاردىن نېمىشقا ئۆزۈڭنى تارتمايسەن باتنايسەن يەنىلا دەردىگە دەردىڭنى قاتمايسەن چاتمايسەن غەيۋەتلەرگە ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئالدايسەن ئويلىغانلىرىڭنى ئىپادىلەشكە ئىقتىدارىڭ يېتىدۇ لېكىن يەنىلا بەزىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللايسەن كەڭ قورساقلىق ياخشى لېكىن ئۇنۇتما ئۆزۈڭنى قەدىرلە كەمچىللىكنى قوبۇل قىل يۈزسىزلىكنى كەچۈرمە جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە ئەتراپىڭدا نۇرغۇن ئىدى نىقاپ ئاسقان تۈلكىلەر تىرىشىشقا سەۋەب ئىدى مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىلەر چەتكە تارتسا ئۆزىنى سەن ئىزدىمىگەن ئەيىب بولىدۇ پىسەنت قىلما قىزارتسا كۆزىنى روھىيتىڭ زەئىپ بولىدۇ تۆت بەش دوستۇڭ ئارىسىدا ئاۋازغا ئاۋازنى قاتىتىڭ ئەمما ئۇلاردىن ئىنكاس يوق تېلېفونغا قاراپ قاتىتىڭ كاللا ئوينىغان يېقىنغىمۇ مېھرىڭ بىلەن باقىتىڭ ساختا مېھىر يالغان كۈلكىگە قاچان توشار تاقىتىڭ ئۇلار ئۈچۈن بولسا بولمىساڭ كېچە كېچە بولىۋېرىدۇ ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىگە شەبنەم ئاق سۆيۈشتەك تولىۋېرىدۇ ساڭا مەنسۇپ بولمىغان كۈلكە لەۋلىرىڭدىن ئۆچۈۋېرىدۇ يىغلىساڭمۇ بەرىبىر ھەممە سەندىن تىمتاس تېنىۋېرىدۇ جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تارتتىڭ