Hiyallar

Lyrics: Wayiz/NBR Music: Wayiz/NBR Lyrics: Wahiz/Number Music: Wahiz/Number Beat: Internet ئەقلىمنى ئورىغان خىياللار مىنى بەزلىگەن خىياللار بىزنى قىينىغان خىياللار مېنى قىينىغان خىياللار قەد كۆتۈرگەن بىنالار ھەممىمىزگە قاراۋاتىدۇ قىلغان ئىشىمىز قايسىمىزگە ياراۋاتىدۇ ھاياتتا ئۆز ئۆزۈڭدىن سوراپ باقتىڭمۇ ئارزۇيۇم قاياقتا سېنى ئەسلەپ تۇرغان ئاتا ئاناڭ سەن كۆرەلمىگەن ماياكلا سەن بىلمەيسەن ئۈن تىنسىز سېغىنىشلار بار يۈز كېلەلەمسەن ئويلاپ باقتىڭمۇ سېغىنىشلار دوستۇم ئوقۇش پۈتەي دېدى بۇرۇقتۇرمىلىققا كۆمۈلۈپ قالما ئوقۇش پۈتسە خەققە خار بولۇپ يېلىنىپ قالما دوستۇم پات پات تېلېفون قىلىپ باقتىڭمۇ ئۆيدىكىلەرگە دەردىڭنى تۆكۈپ باقتىڭمۇ ساڭا ئوخشاش ئويدىكىلەرگە ھەممىمىز مۇساپىر بۇ يات شەھەرگە سەنمۇ سالام بەرسەڭ بولىدۇ باشقىلاردىن بۇرۇن سەھەرگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن خىيال سۈرۈپ ئۇخلاپ قالىمەن ھەر كۈنى كەشتە تېلېفوننى قويغاندا ياخشى دەيمەن ئەمما ئىزچىل كۆڭلۈم غەشتە بۇرۇن تۇرمۇشۇم قالايمىقانتى ھازىر زىرىكىشلىك رىتىملىق ساڭا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ تېلېفون قىلىمەن ئەمما ئاۋازىڭ يېقىملىق ئەقلىمنى ئورىغان خىياللار مېنى بەزلىگەن خىياللار بىزنى قىينىغان خىياللار مېنى قىينىغان خىياللار Wahiz: ئىنتىلىسەن دوستۇم قېقىلىسەن، بۇ يول شۇنداق ئۇزۇن سەنمۇ يىقىلىسەن، تۇرمۇش بەردى مۇش،ئا كىمنىڭ دەردى يوق، بېرىدۇ كۈچ, ئىلھامدا داۋالغۇچ، ئاغىينەم سەندە دەرىت بار مەندە ھېكايە، ۋاھىز قەلىمىم قازغان كاندىكى مۇھاببەتتىن ئارىيە، مۈشكۈل سەپەر، چۈشكۈنلۈك ھەمرا بولغاچ ئۇتۇق قازىنىش يىراق،لېكىن ئۆزگەرمەيدۇ غايە ئوخشاش، ۋاسساپ باللا،يا قانداق ئەھۋال ياخشىما نەس باسقان شۇ ئىشلار ئۈچۈن ناخشامدا قاقشىماي تاسلا قالدىم كېتىپ قالغىلى سىلەردىن ئايرىلىپ، كۈرۈشكەندە دەپ بېرىمەن بولدى ئەمدى سورىما، كېپ ئىت شۇۋ شىيەن، شاش تۇرىمىز چېل بىرو تېمپىراتۇرا ئسىىق ئەمما كۆڭۈل سوۋىغا ھايات بۇ كېپ ئىت رېئال،، تۆت كۈنلۈك دۇنيا بىرو،، كەتكەندە قۇرۇق قول، شۇڭا پەسكەش ئىشتىن يىراق تۇر،