Lyrics: israfil Music: israfil Arranger: israfil hook كەلگىنە مەڭگۈگە بولغىن بىرگە بەخىتمۇ قۇچاق ئاچسۇن بىزگە v1 توساتتىنلا بولۇپ پەيدا ھاياتىمغا تولدۇرۇپ مەنا مۇبارەك، تەشەككۈر ساڭا رەيھانىمسەن سەن ئەڭ گۈزەل رەنا سەن ئۈچۈن بارلىقىم سەن ئۈچۈن دەپ بولمىسۇن سۇئاللار نېمە ئۈچۈن ئىنتىلەر ساڭا قەلبىم ئىنتىلەر سەن ئۈچۈن بارلىقىم سەن ئۈچۈن hook كەلگىنە مەڭگۈگە بولغىن بىرگە بەخىتمۇ قۇچاق ئاچسۇن بىزگە v2(rap) جىمجىت بۇ تۈندە كەتتى شېرىن ئويقۇغا ھىلال ئەمما يەنىلا بەڭباش كۆڭلۈم قىلىدۇ سېنىلا خىيال كەتمىگەچكە مەندىكى بۇ ئىللىق ھەم شېرىن تۇيغۇ ۋەسلىڭنى دەپ كېچىلىرى كۆزلەرىمگە كەلمىدى ئۇيقۇ ئىشىنىمەن سەيلە قىلىمىز سۆيگۈ دېگەن بۇ باغدا ئۇنۇتمۇدۇم ئاي يۈزۈڭنى كۆرەلمىگەن شۇ چاغدا دەريا سۈيىمۇ ئېقىپ كەتتى ۋاقىت شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى قىلما بىتاقەت! قالمىدى كۈچ مادارىم بۇ جاندا داۋام ئېتىدۇ سادا~ قىلىمەن سەن ئۈچۈن بارچە مەسئۇلىيەتنى ئادا توختىمىسا يۈرۈكۈم ئوخشاش ئۈزۈلمەيدۇ بۇ ۋىسال بىز پەرھات شېرىندەك بۇلايلى بۇ مۇھاببەتكە مىسال بىېلىمەن سەن نېمىگە ئامراق نېمىلەر ساڭا ياقمايدۇ مەندىكى بۇ ساپ سۈزۈك كۆڭۈل زەي تەرەپكە ئاقمايدۇ ساقلايدۇ بەخىتنى چۈنكى تېگى ئالتۇن سەبىرنىڭ قۇرۇق قالمايدۇ ئورنى بارچە ئۇ تارتقان جاپا جەبىرنىڭ hook كەلگىنە مەڭگۈگە بولغىن بىرگە بەخىتمۇ قۇچاق ئاچسۇن بىزگە Music: ultra beats Lyrics: israfil Vocals: israfil&nijat Recording: dolkun Mixing: murat-musa 唱作人:israfil